باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

تاختىمۈشۈك

(مەسەل)

      چاشقان تام تۆشۈكىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىر دېھقاننىڭ خوتۇنى بىلەن سومكىسىنى ئېچىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. نېمە باردۇر دېگەن ئويدا سىنچىلاپ قاراپ ئۇنىڭ بىر دانە تاختىمۈشۈك ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ – دە قورققىنىدىن تىكىۋېتىپتۇ. چاشقان شۇ قاچقىنىچە دېھقانچىلىق مەيدانى قورۇسىغا بېرىپ:

      – بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە تاختىمۈشۈك بار ئىكەن! بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە تاختىمۈشۈك بار ئىكەن! – دەپ جېنىنىڭ بارىچە ۋارقىراپتۇ.

      توخۇ قاقىلدىغان پېتى يەرلەرنى قالايمىقان مالتىلاپ دان تېرىپ يەۋاتقانىكەن. ئۇ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن:

      – چاشقان ئەپەندى، كەچۈرۈڭ، بۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، شۇڭا بۇ جەھەتتە باش قاتۇرغۇم يوق، – دەپتۇ.

      چاشقان ھال تۆكۈپ چوشقىنىڭ يېنىغا بېرىپ:

      – بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە تاختىمۈشۈك بار ئىكەن! – دەپ توۋلاپتۇ.

      – كەچۈرۈڭ چاشقان ئەپەندى، – دەپتۇ چوشقا ھېسداشلىق قىلغان ھالدا، – سىزنىڭ بۇ كېلىشمەسلىكتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىڭىزنى تىلەشتىن باشقا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيمەن، ياخشى تىلەكلىرىمدىن تەلىيىڭىز ئوڭ كېلىپ خەتەردىن خالىي بولغايسىز.

      چاشقان كالىنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ، كالا ئۇنىڭغا:

      – چاشقان ئەپەندى، تاختىمۈشۈك ماڭا قانداق خەتەر ئېلىپ كېلىدىكەن؟ – دەپ سوراپتۇ. ئۈمىدسىزلىنىپ روھى قاتتىق چۈشۈپ كەتكەن چاشقان بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ئۇۋىسىغا قايتىپ يېگانە ھالدا دېھقان قويغان تاختىمۈشۈككە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ.

      شۇ كۈنى كېچىدە ‹‹تاققىدە›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا تاختىمۈشۈككە بىر نەرسىنىڭ چۈشكەنلىكى ئاڭلىنىپتۇ. دېھقاننىڭ خوتۇنى ئالدىراشلىقتا چىراغنىمۇ ياقماي تاختىمۈشۈكنىڭ يېنىغا كەپتۇ. ئەسلىدە بىر يىلان تاختىمۈشۈككە چۈشۈپ قالغانىكەن، قولىنى شۇنداق ئۇزىتىشى بىلەن يىلان دېھقاننىڭ خوتۇنىنى چېقىۋاپتۇ.

       دېھقان خوتۇنىنى دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپتۇ، قايتىپ كېلىشىگە خوتۇنى قاتتىق قىزىپ كېتىپتۇ. قوشنىلار ئۇنىڭغا:

      – توخۇ شورپىسى قىلىپ بەرسىڭىز ئۇنىڭ قىزىتمىسى يېنىشى مۇمكىن، – دەپتۇ. دېھقان ھېلىقى توخۇنى قوغلاپ تۇتۇپ بوغۇزلاپ، شورپا تەييارلاپ، خوتۇنىغا ئىچكۈزۈپتۇ. بىراق، خوتۇنىنىڭ كېسىلى يەنىلا ياخشىلانماپتۇ، قۇلۇم – قوشنا، دوست – بۇرادەرلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ دېھقاننىڭ خوتۇنىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ.

      ئۇلارنىڭ بۇ خىل مېھرىبانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇ چوشقىسىنى سويۇپ، مىننەتدارلىق زىياپىتى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ.

      كېسىلى بارغانچە يامانلاشقاچقا دېھقاننىڭ خوتۇنى شىپالىق تاپالماي ئۆلۈپ كېتىپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەر دەپنە قىلىشقا كەپتۇ، دېھقان كالىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇلارغا نەزىر بېرىپتۇ.

ئابلەت ئابلىز سەردارى (ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە) تەرجىمىسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر