باش بەت | ئۈلگىلەر يېتەكلەيدۇ

كىچىك رەسسام

      ئەسقەر ئابدۇرېشىت

      غۇلجا شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 5 – يىللىق 7 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەزھەر خالمۇراتنى ھەممەيلەن ‹‹كىچىك رەسسام›› دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۇ ئىتتىپاقلىق، ئەمگەك، ئۆگىنىشتە ساۋاقداشلىرىغا ئۈلگە بولۇپلا قالماي يەنە رەسىم سىزىشتا بەلگىلىك ئىقتىدار يېتىلدۈردى.

      ئەزھەر كىچىكىدىن باشلاپلا رەسىم سىزىشقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ئاتا – ئانىسى بەرگەن پارچە پۇللارغا بوياقلارنى سېتىۋالاتتى. ھەمىشە گۈل، تەشتەك، چەينەك قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئوينايتتى. ئەزھەرنىڭ توختىماي رەسىم سىزىشىدىن ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ رەسىمگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى رەسىم كۇرسىغا ئاپىرىپ بەردى. ئەزھەر يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي رەسىم سىزىشنىڭ دەسلەپكى قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلىدى، رەسىمنىڭ تۈرلىرى، داڭلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشتى. ‹‹چوڭ بولغاندا غازى ئەمەت ئاكىدەك داڭلىق رەسسام بولىمەن›› دېگەن ئارزۇنى گۆدەك قەلبىگە پۈكتى.

      ئەزھەر مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا تەكرارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن رەسىم سىزىشنى داۋاملاشتۇردى. تەتىل ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرى تاپشۇرۇق ئىشلەش، رەسىم سىزىش ۋاقىتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى. ساۋاقداشلىرىغا ياردەم بېرىش، چاممىسى يەتكۈدەك ئىشلارنى قىلىشنى ئادىتىگە ئايلاندۇردى.

      ئەزھەرنىڭ جاپالىق مەشىق قىلىشى بىلەن رەسىم تاختىسىدا بالىلارچە تەسەۋۋۇر، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە گۈزەل، رەڭدار رەسىملەر پەيدا بولدى. 2008 – يىلى مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر ‹‹ساپا لوڭقىسى››نى تالىشىش خەتتاتلىق، رەسىم مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ «يېزام» ناملىق رەسىمى مىس مېدالغا ئېرىشتى. 2009 – يىلى ئۇنىڭ بىر پارچە ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئامما چولپىنى تەڭرىتاغنى يورۇتتى›› ناملىق گۈزەل سەنئەت مۇسابىقىسىدە ئۆسمۈرلەر گورۇپپىسى بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسەر›› مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ ئانا مەكتىپىگە شان – شەرەپ كەلتۈردى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر