باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

كۈرەش نىشانى

      بىز كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن خۇددى مايسىدەك بىخ چىقىرىپ، يىلتىز تارتىپ كۈندىن كۈنگە ساغلام چوڭ بولۇۋاتىمىز. ئەمما ئېغىر ئۆگىنىش ۋەزىپىسى، ئۆسۈپ يېتىلىش بېسىمى بىلەن مىجەزىمىز بارغانسېرى چۇسلىشىپ ئىلگىرىلەيدىغان نىشان تاپالماي گاڭگىراپ قېلىۋاتىمىز.

      كونىلار: ‹‹بىلىم ئېلىش تىنچ مۇھىتقا موھتاج، ئازادە كۆڭۈل بولۇش لازىم. تىرىشىپ ئۆگەنگەندىلا بىلىمنى بېيىتقىلى بولىدۇ، ئىرادە بولمىسا بىلىم ئالغىلى بولمايدۇ›› دېگەن. ئوستروۋىسكى: ‹‹ئادەمنىڭ ھاياتى خۇددى ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ. تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىق بولمىسا كىشىلىك ھاياتنىڭ ھېچ مەنىسى بولمايدۇ›› دېگەن. ئەمەلىي تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازابقا دۇچار بولىمىز، ئەمماقىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئۆگەنسەكلا پارلاق كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

       بىز ئەستايىدىللىق بىلەن قەدەممۇقەدەم ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاز – ئازدىن ھايات تەجرىبىلىرىنى توپلىساق غايىمىزنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغان بولىمىز. ۋاقىت ئاتقان ئوق. ساۋاقداشلار، ئالدىمىزدىكى يول تولىمۇ ئۇزاق، شۇڭا ھەرگىز بوشاڭلىق قىلماسلىقىمىز لازىم. ئالغا ئىلگىرىلەش سىگنالى چېلىنىپ بولدى، بىز كۆتۈرەڭگۈ روھ، قىزغىن ھېسسىيات بىلەن شانلىق سەپەرگە ئاتلىنايلى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر