باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوت ئاپىتىدە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشنى ئۆگىنىۋالايلى

      1. پائالىيەت نىشانى

     (1) شاڭخەي شەھىرى جىڭشەن رايونى جياۋجۇ يولىدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىنى مىسال قىلىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش.

      (2) ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىتىش.

      (3) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە ھودۇقماي ۋاقتىدا نەق مەيداندىن ئايرىلىشنى بىلىش، پىيونېرلارنىڭ ئېغىر – بېسىق بولۇشتەك پىسخىكىلىق ساپاسىنى چېنىقتۇرۇش.

      (4) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئوت ئاپىتى ئېلىپ كەلگەن پىسخىكىلىق ئازابنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە ئازايتىشنى ئۆگىنىۋېلىشقا يېتەكلەش.

      2. پائالىيەت تەييارلىقى

      (1) 2010 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنى جىڭئەن رايونىدا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىگە ئائىت سىنئالغۇ ماتېرىياللىرى ۋە بەزى ئاخبارات خەۋەرلىرىنى توپلاش.

      (2) ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت سوئال – جاۋاب ماتېرىياللارنى ۋە ئوت ئۆچۈرۈشكە ئائىت بەلگىلەرنى توپلاش.

      (3) ھەرقايسى كىچىك ئەترەتلەر ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بالىلار قوشاقلىرىنى يېزىپ چىقىش.

      (4) ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى پىسخىكىلىق تەربىيە شەكىللىرىنى توپلاش.

      (5) مەكتەپ سىرتىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەربىيەچىلەرنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئاڭلاش.

      3. پائالىيەت جەريانى

      1) ھېكايە ئارقىلىق پائالىيەتنى باشلاش

      (1) پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىگە ئائىت سىنئالغۇ ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىنى كۆرۈش. بۇ ئارقىلىق پىيونېرغا ئوت ئاپىتىنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر زىيىنىنى بىلدۈرۈش.

      (2) گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىش. بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور ئوت ئاپىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلىپ بېقىڭلار، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە قانداق قىلىشىمىز لازىم؟

      (3) ھەر قايسى كىچىك ئەترەتلەر ئايرىم – ئايرىم ھالدا جاۋاب بېرىدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت ھەيئەتلىرى ئوت ئاپىتىدە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بەزى تەدبىرلىرىنى خۇلاسىلەيدۇ.

      2) جاۋاب بېرىش سوئاللىرى

      (1) چوقۇم جاۋاب بېرىلىدىغان سوئال، ھەربىر گۇرۇپپىدىكى ھەربىر پىيونېر بىردىن سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ. توغرا جاۋاب بەرسە ئون نومۇر بېرىلىدۇ، خاتا جاۋاب بەرسە ئون نومۇر تارتىلىدۇ.

      3) بوش ئورۇن تولدۇرۇش سوئاللىرى

      (1) ھەر يىلىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك كۈنى ( )

      (2) ئوت ئاپىتىنى مەلۇم قىلىش تېلېفون نومۇرى ( )

      (3) ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى بار( )

      (4) توك سىملىرىنىڭ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ( )

      (5) كىچىك تىپتىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ۋاقتى ( ) يىل.

      3) ھۆكۈم قىلىش سوئالى

      (1) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە كارىۋات ئاستىغا كىرىۋېلىپ قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرۇش ( )

      (2) ئائىلىدە ئوت ئۇچقۇنى كۆرۈلگەندە دەرھال بىنادىن سەكرەپ جاننى قۇتقۇزۇش لازىم ( )

      (3) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئوت ئۈچۈرۈش خادىملىرى بىلەن بىللە ئوت ئۆچۈرۈشكە قاتناشسا بولىدۇ ( )

      (4) ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، توك يوللىرى كونىراپ كەتسىمۇ تېجەشلىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە ئالماشتۇرمىساقمۇ بولىدۇ ( )

      (5) ئېگىز بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە دەرھال لىفىت بىلەن 1 – قەۋەتكە چۈشۈۋېلىش كېرەك ( )

      (6) ئائىلىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە ئالدى بىلەن پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن جاننى قۇتقۇزۇش لازىم ( )

      (7) ئۆيدە كۆمۈر گازى چىقىپ كەتسە ئالدى بىلەن ئاتا – ئانىلارغا تېلېفون بېرىش كېرەك ( )

      (8) قورۇما قورۇۋاتقاندا ئوت كەتسە دەرھال سۇ بىلەن ئۆچۈرۈش كېرەك.

      4) تالىشىپ جاۋاب بېرىش سوئاللىرى

      (1) ئائىلىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زۆرۈر بولغان تۆت ‹‹ئەڭگۈشتەر›› ––––––

      (2) ئوت ئاپىتىدە ئەگەر كىيىملىرىمىزگە ئوت تۇتۇشۇپ كەتسە قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

      (3) قانداق ئوت ئاپىتىدە سۇ چېچىپ ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ؟

      (4) ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ قانداق شەرتلىرى بار؟

      (5) ئۆيدىكى تېلېۋىزوردىن ئوت ئۇچقۇنلىرى كۆرۈنسە قانداق قىلىش كېرەك؟

      (6) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە سىز 10 – قەۋەتتە بولسىڭىز بىنادىن قانداق چۈشىسىز؟

      7) ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى بالىلار قوشىقى ئائىلىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ‹‹ تۆت ئەگڭگۈشتەر››:

      ئوت ئۆچۈرگۈچى، قول چىراق، ئارغامچا ۋە ماشىنا

      ئۆت ئۆچۈرگۈچى، قول چىراق،

      ئارغامچا بىلەن ماسكا،

      تۆت ‹‹ئەڭگۈشتەر›› دىيىلەر،

      جاننى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا.

 

      ئوت ئۆچۈرگۈچۈم بەل ئەپچىل،

      ئوتنى تېزلا ئۆچۈرەر.

      ئېگىز بىنادىن چۈشۈشتە،

      ئارغامچىمۇ ئەسقاتار.

 

      قول چىرىغى بولسىلا،

      قاراڭغۇلۇق يوقىلار.

      ماسكا تاقىۋالغاندا،

      ئىش – تۈتەكتىن ساقلىنار.

 

      تۆت ‹‹ئەڭگۈشتەر›› بولسىلا،

      ‹‹ئوت›› ئالدىدا ھودۇقماڭ.

      ئېغىر – بېسىق تەمكىن بوپ،

      قوتۇلۇشقا ئالدىراڭ.

      5) پىسخىكا يېتەكچىسى

      (1) يەڭگىللەشنى ئۆگىنىۋېلىش: ۋارقىراش، سەكرەش ئارقىلىق كۆڭلىدىكى ساراسىمىنى تۈگىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش.

      (2) بايان قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش: ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قاراشلىرىنى ئائىلىدىكىلەرگە ۋە تېببىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىغا بايان قىلىپ بېرىش.

      (3) ياردەم تەلەپ قىلىش: ئەگەر ئۆزى ئوت ئاپىتىنىڭ ئازاب كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمىسا پىسخىكىلىق مەسلىھەت سوراپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش.

      6) ئوت ئۆچۈرۈش بەلگىلىرىنى كۆرسىتىش

      (1) مەكتەپ سىرتىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەربىيەچى بىلەن بىللە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان قۇرۇلۇشقا دائىر ئوت ئۆچۈرۈش بەلگىلىرىنى تونۇۋېلىش.

      (2) ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرىنى كۆرۈش. مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچىنى جاننى قۇتقۇزۇشقا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش.

      (3) ئوت ئۆچۈرۈش مانېۋىرىنى قايتا كۆرۈش ئارقىلىق سىنئالغۇدىكى ئۆزىنى قۇتقۇزماقچى بولغان پىيونېرلارنىڭ خاتا ھەرىكىتىنى تېپىپ چىقىش.

      (4) مەكتەپ سىرتىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەربىيەچى جاننى قۇتقۇزۇش ماھارىتىنى خۇلاسىلەپ بېرىش.

      (5) ئوت ئۇچقۇنلىرى بايقالغاندا تەكلىپ قىلىنغان تەربىيەچى بىلەن ئوت ئۆچۈرگۈچى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە يوتقان – كۆرپە قاتارلىقلار بىلەن ئوت مەنبەسىنى ھاۋادىن ئايرىۋېتىش ئوسۇلىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

      4. پائالىيەت خۇلاسىسى

      بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق پىيونېرلار ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئىگىلىدى. تەكلىپ قىلىنغان تەربىيەچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جاننى قۇتقۇزۇشقا ئائىت نۇرغۇن ماھارەتلەرنى ئىگىلىۋالدى ھەمدە نۇرغۇن خاتا ئۇسۇللارنى تۈزىتىشنى بىلىۋالدى. بىز چوقۇم ئوت ئاپىتىدە ساق – سالامەت، ئېغىر – بېسىق بولۇپ، ھودۇقۇپ كەتمەسلىكىمىز، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ئۈمىدۋار بولۇشىمىز لازىم. ئەڭ مۇھىمى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر