باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹دوپپا›› ئويۇنى

      ‹‹دوپپا›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ھەممىدىن بەك ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان، قويۇق يەرلىك پۇراق، ئۆزگىچە مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە، تارىخىي قىممىتى، رېئال ئەھمىيىتى زور قەدىمىي ئويۇنلارنىڭ بىرى. شۇڭا، ئۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ كەلگەن. ئۇ بۈگۈنكى كۈندىمۇ سانسىزلىغان كىچىك دوستلار مىراس سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ كەلگەن.

      ‹‹دوپپا›› ئويۇنى تەبىئىي شارائىت، ئۇيغۇرلانىڭ يۇرت ئايرىمىسى، ياش ۋە جىنىس پەرقى، بەدەن قۇرۇلمىسى، مىجەز خاراكتېرى، خاس قارشى، ئىرادىسى، ئارزۇ ــ ئارمانلىرى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئېستېتىك تەربىيەلىنىشى قاتارلىقلارغا مۇناسىپ شەكىل، دەرىجە، سۈپەت، رەڭ، ھەتتا خام ماتېرىيال نۇقتىسىدىن ئىنچىكە پەرقلىنىدىغان ئەنئەنىۋى دوپپىلارنى مەنبە قىلغان. دېمەك، ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنى مەھلىيا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ كېلىۋاتقان ‹‹دوپپا›› ئويۇنىنى مىللىتىمىزنىڭ قول ھۈنەر – سەنئەت جەۋھەرلىرىنىڭ بىر نامايەندىسى بولغان خاسىيەتلىك دوپپا بارلىققا كەلتۈرگەن دېيىشكە ھەقلىقمىز.

      ‹‹دوپپا›› ئويۇنى ياز، كۈز پەسىللىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئېرىق ئۆستەڭ بويلىرىدا، باغلاردا، پاكىز، ئازادە مەيدانلاردا قىزلار ئوينايدۇ. قىزلار ئويۇن سورۇنىغا يۈز ــ كۆزى ۋە چاچلىرىنى پاكىز يۇيۇپ، بالىلارغا خاس ياسىنىپ ــ تارىنىپ، رەتلىك كىيىنىپ، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان دوپپىنى كىيىپ كېلىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىدىغان قىزلار ئىككى ‹‹ئانا›› نىڭ رەمبۇت ئېلىشى ئارقىلىق تەڭ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، ئاندىن چەمبەر شەكلىنى ھاسىل قىلىپ ئارىلاش ئولتۇرغاندىن كېيىن، نۆۋەت بىلەن ھېكايە ئېتىدۇ.

      ‹‹ئا›› تەرەپتىن خالىغان بىر قىزنىڭ كۆزى ‹‹ب›› تەرەپتىكى بىر قىز تەرىپىدىن تېڭىلىدۇ، ئىككى قوللاپ مەھكەم تۇتۇلسىمۇ بولىدۇ، كۆزى تېڭىلىدىغان قىز دوپپىسىنى ئېلىۋېتىدۇ، ئاندىن ‹‹ب›› تەرەپتىن بىر قىز ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ‹‹ئانا››لارنىڭ ماقۇللۇقى ياكى كۆرسەتمىسى بويىچە، ئولتۇرغان قىزلاردىن بىرسىنىڭ دوپپىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئېلىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ بېرىپ، كۆزى تېڭىلغان قىزنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويىدۇ ــ دە، دەرھال ئورنىغا قايتىپ ئولتۇرىدۇ. شۇ چاغدا كۆزى تېڭىلغان قىزنىڭ ‹‹ئانا››سى ئۇنىڭغا بىشىدىكى دوپپىنىڭ ئىگىسىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تېپىشقا بۇيرۇيدۇ. شەرت شۇكى، ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلىش، دوپپىنى بىشىدىن قولغا ئالماي سىرتىدىن سىلاپ بېقىش بىلەنلا كۇپايىلىنىش، سورۇن تەرتىپىگە باشقا بالىلارغا ئوخشاش بويسۇنۇش، دوپپا ۋە ئۇنىڭ ئىگىسى ھەققىدە ئوڭ ــ تەتۈر سۆزلىمەسلىك، باشقىلاردىن ياردەم كۈتمەسلىك، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماسلىق كېرەك.

      كۆزى تېڭىلغان قىز پەرەز ياكى تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ، دوپپىنىڭ چوڭ ــ كىچىكلىكى، سىرتقى يۈزىگە نەقىشلەنگەن ھەر خىل گۈللەردىكى قاپارتمىلارنىڭ قولىغا ئۇرۇنۇشى قاتارلىق ۋاسىتە قىلىپ، دوپپا ئىگىسىنى تاپىدۇ. كۆزى تېڭىلغان قىز بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە دوپپا ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلمىسە، باشقا بىر قىزنىڭ دوپپىسى كىيدۈرۈلىدۇ. يەنە تاپالمىسا، ئوخشاشلا دوپپا ئالماشتۇرۇلىدۇ؛ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دوپپىلىرى بىر قېتىمدىن كىيدۈرۈلگەن ئەھۋالدىمۇ بىرەر دوپپىنىڭ ئىگىسىنى تاپالمىسا، ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك ئويۇنغا قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ؛ ناۋادا دوپپا ئىگىسىنى بىلىۋالسا، دوپپا ئىگىسى بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ. ئويۇن ئاشۇ ئۇسۇلدا داۋاملىشىپ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر قېتىمدىن ‹‹تاپقۇچى››، ‹‹كۆزى تېڭىلغۇچى›› بولۇپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

      بۇ ئويۇن قىزلارنى كىچىكىدىن ئۆز ــ ئۆزىنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، ھەقىقىي قىزلارغا خاس زىبالىق، لاتاپەت، ئۆزگىچىلىكلەرگە يېتەكلەپ، تېگىشلىك سورۇن ۋە ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ئۆلۈم ــ يېتىم ئىشلىرى، ئايەم ــ مەرىكىلەرگە قاتنىشىش، يىراق سەھرالارغا بېرىش قاتارلىق ماكان ۋە زامان بىلەن مۇناسىۋەتلىك سورۇنلاردا دوپپا كىيىش زۆرۈرلۈكىنى تونۇتىدۇ؛ ئۇلاردا توغرا تەسەۋۋۇر، پەرەز ياكى سېزىمچانلىققا تايىنىپ، ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي