باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ

      جەمئىيەت قايناۋاتقان سۇغا ئوخشايدۇ، ئەڭ مۇھىمى كشىىلەرنىڭ بۇ قايناۋاتقان سۇغا نېمە سېلىشىدا. ئەگەر بۇ قايناۋاتقان سۇغا ئايرىم – ئايرىم ھالدا خام توخۇم، سەۋزە، چاي يوپۇرمىقى سالسا، سىزچە بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولار؟

      بىرىنچى بولۇپ خام تۇخۇمنى قايناۋاتقان سۇغا سالغاندا، خام تۇخۇم پىشىپ قاتتىق بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭدا ئارزۇ – ئارمان بولمايدۇ.

      ئىككىنچى بولۇپ سەۋزىنى قايناۋاتقان سۇغا سالغاندا، سەۋزە قايناپ، سەۋزە قىيامىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ بارىغا شۈكرى قىلىپ، ھەممىگە يول قويۇشتۇر.

      ئۈچىنچى بولۇپ قۇرۇق چاي يوپۇرمىقىنى قايناۋاتقان سۇغا سالغاندا، چاي يوپۇرمىقى ئاستا – ئاستا يېيىلىپ، قايناق سۇ خۇش پۇراق چايغا ئايلىنىدۇ.

 

      ھېكمەت: كىشىلەر دۇنيا تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەندە، ئادەم ئۆزىنى تاپقاندەك روھىي ھالەتتە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە دۇنيانى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قايتا – قايتا ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇڭا، ھەربىر كىشىنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىر ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ رەڭدار شەخس، نەمۇنە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى بولغانلىقىدىندۇر.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر