باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

قۇم قاتما رەسىملىرى

      تېرەك ئاستىدىكى شىپاڭدا دۇتار چېلىپ ئولتۇرغان ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى، قارلىق تاغدىكى قارىغايلىق، يايلاقتىكى قوي پادىسى، قەدىمكى شەھەردىكى قۇرۇلۇشلار، ئادەملەر قاتارلىق غەربىي يۇرت مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قۇم قاتما رەسىملىرى كىشىلەرگە ئاجايىپ ئېستېتىك تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

      قۇم قاتما رەسىم سەنئىتى مىڭئۆي تام رەسىملىرى ۋە لايدىن رەسىم ئىشلەش سەنئىتىنىڭ داۋامى، ئۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاپارتما رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى ئاساس قىلغان، ماي بوياق، سۇ بوياق، سىزما رەسىم، ھەيكەلتىراشلىق، قول ھۈنەر – سەنئىتى قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، پاكىز تازىلانغان رەڭگارەڭ قۇم دانچىلىرى بىلەن ئاز مىقداردىكى تاش پاراشوكى ۋە تەبىئىي ماتېرىياللارنى رەسىم سىزىش تاختىسىغا يېپىشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان ئالاھىدە رەسىم ئىجادىيىتى، قۇم قاتما رەسىملىرىنىڭ قاپارتما نەقىشى روشەن قاتلاملىرى ئېنىق ئىستېرېئولۇق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبقا ئىگە.

      ئىلى ‹‹نەپىس›› قۇم قاتما رەسىم سەنئىتى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئىجادىيەت ئورنىغا بارغىنىمدا، كۇرسانتلار باش كۆتۈرمەي ئىشلەۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەيكەل ئويۇۋاتاتتى، بەزىلىرى قۇم قاتما رەسىمگە رەڭ بېرىۋاتاتتى، بەزىلىرى قۇم قاتما رەسىمنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى، ئۇلار پۈتۈن زېھنىنى قۇم قاتما رەسىم ئىجادىيىتىگە قاراتقانىدى. بۇ مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىمجان مۇنداق دېدى: قۇم قاتما رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا خوتۇنۇم تۈرتكە بولغان. خوتۇنۇم ساياھەت يېتەكچىسى، بىر كۈنى ئۇ ئۆيگە بىر بوتۇلكا قۇم ئېلىپ كېلىپ، بۇنىڭدىن قانداق پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىدى، ئۇنىڭغا قۇمدىن رەسىم قاتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

      شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئالىمجان خوتۇنى بىلەن باش كۆتۈرمەي تەجرىبە ئىشلىدى. قۇمنى رەسىم تاختىسىغا قانداق مۇقىملاشتۇرۇش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ قىيىن مەسلىلە بولۇپ قالدى، لېكىن، ئۇلار ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق قۇمنى رەسىم تاختىسىغا يېپىشتۇرۇپ قاتۇرىدىغان بىرىكمە يېلىمىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى. ئۇلار 2003 – يىلى قۇم قاتما رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى. قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق قۇم قاتما رەسىم ئىشلەش ماھارىتىنى كۈنسېرى مۇكەممەشللەشتۈردى، 2007 – يىلى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ‹‹سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسى پاتېنت ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى››گە ئېرىشتى.

      ئالىمجان دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن باشلاپ رەسىم سىزىشنى ياقتۇرۇپ قالغان، ئۇ ھېچقانداق كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، رەسىمنى خېلىلا قاملاشتۇرۇپ سىزاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇمدىن رەسىم قاتۇرۇش ئادەتتىكى رەسىم سىزىشتىن خېلىلا قىيىن، بۇ ماھارەتنى ئىگىلەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، قۇم قاتما رەسساملىق، ھەيكەلتىراشلىق، قول ھۈنەر – سەنئىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن رەسىم سەنئىتى، قۇم قاتما رەسىم ئشىلەشتە قۇمغا ئالاھىدە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ. قۇمنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسى، رەڭگى، چوڭ – كىچىكلىكى قۇم قاتما رەسىمنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

      ئالىمجاننىڭ قۇم قاتما رەسىملىرىدە ئاساسلىقى ئىلى ۋادىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى باش تېما قىلىنىپ، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، گۈزەل مەنزىرىلەر، قۇرۇلۇشلار، ئادەملەر، ھايۋاناتلار قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر ئىتېرېئولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ قۇم قاتما رەسىملىرى كۈچلۈك ئېستېتىك تۇيغۇ ۋە بېزەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغاچقا، كىشىلەر بەس – بەستە سېتىلىۋالىدىغان بېزەك بۇيۇمىغا ئايلانغان ھەم دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت – مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى باھالاشتا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. 2010 – يىلى 6 – ئايدا ئالىمجاننىڭ قۇم قاتما رەسىم سەنئىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كاتولوگىغا ئىلتىماس قىلىنغان.

      ھازىر ئالىمجاننىڭ شىركىتىدە 40 نەچچە ھەۋەسكار قۇم قاتما رەسىم ئىشلەش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كەسپىي گۈزەل سەنئەت مەكتەپلىرىدىن كەلگەن.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر