باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ناشتىغا سەل قارىماڭ

      نۇرغۇن ئادەم ئەتىگەنلىك ناشتىغا سەل قارايدۇ، بۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ.

      خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ كەچتە ئۇخلاپ ئەتىسى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئادەمنىڭ بىر كۈندىكى ئەڭ ئۇزۇن تاماق يېمىگەن ۋاقتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەتىگەندە ناشتا قىلىپ قان شېكىرىنى تولۇقلىمىغاندا ئادەم ھارغىنلىق ھېس قىلىپ دىققىتىنى يىغالمايدۇ، روھسىز يۈرىدۇ.

      ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ ئەتىگەندە ناشتا قىلماي چۈشتە كۆپ تاماق يېگەندە ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى قالايمىقانلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ.

      ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ دائىم ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا ئۆت يىگىلەپ خولېستېرىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق چىقىپ كېتىدۇ. ئۆت يىگىلىسە ئۆتتە ئاسانلا تاش پەيدا بولىدۇ.

      سەمىرىپ كېتىدۇ قورساق ئاچ ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيەنىڭ قوغداش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن غىزالانغاندا تاماق بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلىدۇ. ئادەم تېنىگە سۈمۈرۈلگىنى قەنت بولغان تەقدىردىمۇ ئاسانلا مايغا ئايلىنىپ ئادەمنى سەمرىتىۋېتىدۇ.

      تېرە قۇرغاقلىشىپ ئاسان قورۇق چۈشىدۇ ۋە قان ئازلاپ كېتىدۇ ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا ئادەم تېنىدىكى زاپاس قەنت مەنبەسى ۋە ئاقسىل سەرپ بولىدۇ. ناشتا قىلماسلىق ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقاندا تېرە قۇرغاقلىشىپ، تېرىگە ئاسان قورۇق چۈشۈپ، قېرىشنى تېزلىتىدۇ.

      دائىم زۇكامدايدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ئوزۇقلۇقنىڭ يېتىشمەسلىكى ئورگانىزمنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەم ئوڭايلا زۇكامدايدۇ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىلايدۇ.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر