باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

تەبىئەتنى قوغدايلى

      باھار تۇيدۇرماي ئاستاغىنا يېتىپ كەلدى. يول بويىدىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەرنىڭ خۇش پۇراقلىرى دىماغقا ئۇرۇلدى. قۇشلار باھارنىڭ كەلگەنلىكىنى تەنتەنە قىلىشىپ شوخ سايراشتى. ساۋاقداشلار، ھازىر سىلەرنىڭ چوقۇم كەڭ تەبىئەت قوينىدا ئىللىق قۇياش نۇرىدىن تازا ھۇزۇرلانغۇڭلار كېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن.

      بىز قولۋاققا ئولتۇرۇپ گۈزەل كۆل مەنزىرىسىدىن، يېشىل تون كىيگەن كەڭ دالادىن ھۇزۇرلىنىۋاتقاندا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بىرقىسىم مەنزىرىلەرنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن، رېشاتكىلارغا ئېسىلغان ۋە چۆپلۈكلەرگە تاشلانغان سۇلياۋ خالتىلار سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھايۋانلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

      تەبىئەت ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە بەرپا قىلىشىغا، قوغدىشىغا، مەدەنىي بولۇشقا ئادەتلىنىشىمىزگە موھتاج. ساۋاقداشلار، بىز تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ مۇھىت قوغداش ئەترىتىگە قاتنىشىپ ‹‹سۇلياۋ خالتىلار بىلەن خوشلىشايلى››، ‹‹سۇلياۋ خالتىلارغا خەت›› دېگەن تېمىدىكى پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەخلەتلەرنى تازىلاپ، ھاۋاسى ساپ، سۇلىرى سۈزۈك، دەل – دەرەخلىرى باراقسان، گۈل – چېچەكلەرگە پۈركەنگەن گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقايلى.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر