باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا...

ياسىنجان توخنىياز توغراق

      بوۋاقلار دائىم يېمەكلىكنى تەستە يۇتىدىغان بولۇپ، تويغۇدەك يەپ ئىچەلمەي، بىئارام بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. يېمەكلىكنى تەستە يۇتۇشنىڭ سەۋەبى: چىشنىڭ چايناش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئۇزۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىقلار. بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

      1. بوۋاقلارغا تاماق يېگۈزگەندە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، بىر تەرەپتىن تاماق يېگۈزۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن تېلېۋىزور كۆرمەسلىك، تېلېفۇن بىلەن سۆزلەشمەسلىك، ياسانماسلىق كېرەك.

      2. بوۋاقنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئولتۇرغۇزۇش، بەك كىچىك بولسا بېشىنى ئۈستۈن قىلىپ يېرىم ئولتۇرغۇزۇش بەدىنى بىلەن كارۋات قىرغىقى 60 گىرادۇستىن يۇقۇرراق بولۇش كېرەك.

      3. يېمەكلىكنى قاتتىق، يۇمشاق ۋە سۇيۇق ھالەتتە بىرلەشتۈرۈپ تەڭشەش كېرەك. 

      4. يېمەكلىكنى بىر قوشۇق – بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈش كېرەك. يەنى بىر كاپام يۈتۈپ بولغاندا ئاندىن كېيىنكى كاپامنى يېگۈزۈش كېرەك.

      5. ئەگەر گالغا تاماق تۇرۇپ قالسا، دۈمبىسىگە يەڭگىل ئۇرۇپ بېرىش، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچكۈزۈش، يېقىن ئەتراپتا دوختۇرخانا بولسا دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

(ئاپتور ئونسۇ ناھىيەسى تاغلاق فېرما ئوتتۇرا مەكتەپتە)

 
مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر