باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

باغۋەن

(نەسر)

ئاماننىسا ئابدۇقادىر

      جىمجىت كېچە. پۈتكۈل كائىنات ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. مەن خەنزۇ تىلى تېكىستىنى يادلاش ئۈچۈن سىرتقا چىقتىم. ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ بىردەم يادلىغانىدىم ئۇزاققا قالماي يادلاپ بولدۇم، لېكىن كۆزۈمگە پەقەت ئۇيقۇ كەلمىدى. ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹‹يۇلتۇزلاردەك كېچە ئاسمىنىنى نۇرلاندۇرۇپ كىشىلەرگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدىغان، كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ئۇلۇغ كىشىلىرىمىز زادى كىملەردۇر؟›› دەپ پىچىرلىدىم. بىردىنلا مەشئەلگە ئوخشاش نۇرلىرى بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان سەبىي دىللارنى يورۇتۇپ كېلىۋاتقان سۆيۈملۈك، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ مۇنبەر ئالدىدىكى كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان مۇلايىم چېھرى كۆز ئالدىمدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.

      قەدىردان باغۋەن، كېچىلىرى ئۇخلىماي دەرس ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىسىز، تاماق يېيىش، ئائىلىڭىزگە كۆيۈنۈشنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا بارلىقىڭىزنى ياش غۇنچىلارغا ئاتايسىز. ھەر قېتىم ئاشۇ قورۇق باسقان يۈزىڭىزگە، نۇر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭىزگە، قەلەم، بور تۇتقان قوللىرىڭىزغا قارىغىنىمدا سىزگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: ‹‹مۇئەللىم – سىز مەڭگۈ يېنىپ تۇرىدىغان چىراغ. سىزنىڭ ئەجرىڭىز، ياراتقان تۆھپىلىرىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. سىزنىڭ ئىش ئىزلىرىڭىز قەلبىمىزدە ھايات››.

(ئاپتور كېرىيە ناھىيەسى قاراقىر ئوتتۇرا مەكتەپ 7 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر