باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

مېنىڭ ئاپام

قەلبىنۇر مەخمۇت

      مېنىڭ ئاپام ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ مېنى ئويغىتىپ، چاي ئىچكۈزۈپ مەكتەپكە يولغا سالىدۇ، ئاندىن ئۇكامنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويۇپ خىزمەتكە كېتىدۇ.

      ئاپام كەچتە ئىشتىن كەلگۈچە ئۇكامنى يەسلىدىن ئېلىپ كېلىدۇ، ئاندىن يەنە تاماق ئېتىدۇ. تاماق ئېتىش جەريانىدا، ئۇ كۆكتات ئاقلىغاچ ھېكايە ئېيتىپ بېرىدۇ. تەكرار قىلغىنىمدا ماڭا دەرسلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ.

     ئاپام پەرزەنتلىرىگە بەك كۆيىنىدۇ، بىز ئۈچۈن جاپا – مۇشەققەتتىن باش تارتمايدۇ، ھاردىم – تالدىم دېمەيدۇ. مەن ئاپامنىڭ ئېسىل خىسلىتىدىن ئۈلگە ئالىمەن، ياخشى ئوقۇپ، ياراملىق ئادەم بولۇپ ئاپامنىڭ ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر