باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئەترەت خىزمىتىنى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىگە سىڭدۈرەيلى

     پاتىگۈل سابىر

      ئەترەت خىزمىتى پىيونېرلارغا ئەترەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تەربىيە بېرىشنى، تەربىيەنى پىيونېرلارنىڭ ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئەترەت خىزمىتى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئەترەت خىزمىتىنى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئىزچىل تەكىتلىنىۋاتقان مەسىلە. نۆۋەتتە، بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئەترەت تەربىيەسىنىڭ مەكتەپ تەلىم – تەربىيەدىكى رولىغا سەل قارايدىغان ئەھۋاللار ساقلانماقتا. بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

      1. تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت تەقسىماتى، يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيىتى ئېنىق ئەمەس. مەكتەپ يىل بېشى ياكى مەۋسۇم بېشىدا خىزمەت تەقسىماتى قىلىپ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى مەۋسۇملۇق ئەترەت پىلانىنى تۈزۈپ ئارخىپلاشتۇرۇپ قويسىلا بولىدۇ. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭمۇ ئەترەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇشتىكى رولىغا بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئوقۇتۇشىغىلا، بىخەتەرلىك ئەھۋالىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەترەت پائالىيەتلىرى، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيەتلىرىنىڭ ئارخىپىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈنلا ئىشلەيدۇ. قايسى ئوتتۇرا ئەترەت ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؟ قايسى ئوتتۇرا ئەترەت ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزمىدى؟ بۇنى سۈرۈشتە قىلىدىغان ئادەم يوق. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى ھوقۇق جەھەتتە باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا بولغاچقا ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ ئەترەت خىزمەتلىرىگە ھەيدەكچىلىك قىلالمايدۇ ۋە سۈرۈشتە قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

      2. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ يۈكى ئېغىر. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ دەرس سائىتى كۆپ، بىر قىسىملىرى مەكتەپنىڭ ئىككى ئاساسەن خىزمىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى، مەنىۋى مەدەنىيلىك خىزمىتى قاتارلىقلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنداق كۆپ ۋەزىپىنى يۈكلىۋالغان تەربىيەچى قانداقمۇ ئەترەت خىزمىتىگە يېتەرلىك ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتالىسۇن؟

      3. شەكىلۋازلىققا، بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويۇش. ئوقۇتۇش خىزمىتى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى بولغاچقا مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار دەرس ئۆتۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىگە سەل قارىغانلىقتىن ئەترەت پائالىيىتى چوڭراق يىغىن، خاتىرە كۈنلەردىلا ئېلىپ بېرىلىپ باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق مەكتەپلەر ‹‹ئەترەت خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغىلى كېلىدىكەن›› دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا ئالدىراش ئەترەت ئارخىپىنى تولۇقلاشقا كىرىشىدۇ، باھالاش تۈگىشى بىلەنلا يەنە ئاۋالقى ئەسلىگە قايتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەترەت خىزمىتى ئارخىپتا بار، ئەمىلىيەتتە يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىغا مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئالسىلا بولدى دېگەن قارىشى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.

      ئەترەت خىزمىتى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەترەت خىزمىتى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى، كاتالىزاتورى. ئۇنداقتا ئەترەت خىزمىتىنىڭ مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىدىكى رولىنى قانداق قىلغاندا ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟

      1. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئېتىبار بېرىش. مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىرلار چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنى تاللاشقا ئېتىبار بېرىشى كېرەك. لاياقەتلىك تەربىيەچى مەكتەپ ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى. شۇڭا، قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى بولۇشى ھالقىلىق مەسىلە. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى تەشكىللەش ئىقتىدارى يۇقىرى، پائالىيەتچان، بالىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان، بالىلارغا ماسلىشالايدىغان، چىقىشالايدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىن تاللىنىشى كېرەك. ئاندىن چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىگە مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىر تەمىناتى بېرىلىشى، مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەكتەپنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇزاكىرىسىگە قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نوپوزى تىكلىنىپ باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا نازارەتچىلىك قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلىدۇ.

      مەكتەپنىڭ يىللىق ۋە مەۋسۇملۇق خىزمەت پىلانىنى تۈزگەندە ئەترەت خىزمىتىنى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىغا قويۇش كېرەك. پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلاردا چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. ئەترەتنىڭ يىللىق، مەۋسۇملۇق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش ۋە يولغا قويۇشتا مەكتەپ رەھبەرلىرى باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئايدا بىر قېتىم چوڭ ئەترەت پائالىيىتى، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتى، ھەپتىدە بىر قېتىم ئەترەت تۇرمۇش كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

      2. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ دەرس سائىتى 8 – 10 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سىنىپ مەسئۇلىلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. بۇ چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاشقا پايدىلىق. چوڭ ئەترەتتەربىيەچىلىرىنى باشقا تەشكىلىي خىزمەتلەرگە قويماسلىق، چوڭ پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغاندا ياردەمگە ئوقۇتقۇچى ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇرسەت تېپىلغاندا مەكتەپنىڭ ئەترەت خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ئېتىبارىنى قوزغاش كېرەك.

      3. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئەترەت خىزمىتىنى جاندىل بىلەن ئىشلىشى كېرەك. ئەترەت خىزمىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇش، پىلان بولۇش، سۈرۈشتە قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، خۇلاسە قىلىش ھالقىلىرىغا سەل قارىماسلىق كېرەك. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى ياخشى يېتەكلەشكىمۇ ئېتىبار بېرىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ قوللىشى بولغاندىلا چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى چوڭ ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغاندا ياكى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغاندا يالغۇزلۇق قىلمايدۇ. چوڭ ئەترەت تەربىيەچىلىرى ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرغاندا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئوتتۇرا ئەترەتلەرگە قىزىل بايراق بېرىش، مەكتەپ يىغىنىدا تەقدىرلەش، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.

(ئاپتور قاغىلىق ناھىيەلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىدىن)

قىستۇرما سۈرەتنى ئابدۇۋەلى ئابدۇراخمان تارتقان.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر