باش بەت | مەكتەپلەر

كامبىرج ئۇنىۋېرسىتېتى

      كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى (University of Cambridge) ئۇرۇش - جېدەلدىن قېچىپ ئوكىسفورد ئۇنىۋېرستېتىنى تاشلاپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن 1209 - يىلى قۇرۇلغان. 1231 - يىلى ئەنگىلىيە پادىشاھى ھېنرىIII مەكتەپكە مونوپول قىلىشى ھوقۇقىنى بەرگەن. كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتى لوندون شەھرىگە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان، ئاران يۈزمىڭ نوپۇسى بار كامبېرج بازىرىغا جايلاشقان (بۇ بازارنى كام دەرياسى كېسىپ ئۆتكەنلىكتىن بازار نامى كامبىرىج بولۇپ قالغان، كامبىرىج كام كۆۋرۈكى دېگەن مەنىدە).

  قۇرۇلۇشلىرى ئوتتۇرا ئەسىرنى ئەسلىتىدىغان، ئاران ئۈچ يىل ئوقۇش مۇددىتى بار كامبىرىج ئۇنىۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدە نىيۇتون، كرومۋېل، باكون، بايرون، دارۋېن، ماكسىۋېل قاتارلىق ئەنگىلىيە ۋە دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر ئەرباپلار بارلىقا كەلگەنلىكى، ئۇنىۋېرسىتتېتنىڭ پروفېسسورلىرى ئىچىدە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 28 ئادەم، نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 18 ئادەم، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 17 ئادەم بولۇپ جەمئى 73 ئادەم نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئابرويلۇق، مەشھۇر ئالىي مەكتەپ بولۇپ تۇرماقتا. ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ ئۈچ قىزلار ئىنىستىتۇتى (كامبىرىجنىڭ باشقا ئىنىستىتۇتلىرى قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئالمايدۇ)، ئىككى ئاسپىرانتورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 35 ئىنىستوتى، 62 فاكۇلتېتى، يۈزدىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى مەكتىۋى، 16900دىن ئارتۇق مۇنتىزىم ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە %70دىن كۆپرەگى باشقا مەكتەپلەردىن كەلگەن7000دىن ئارتۇق ماگىستېر ئوقۇغۇچىسى بار . ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمى دىگۈدەك چەتئەللەردىن كەلگەن. كامبىرىج ئۇنىۋېرىستېتى ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلار بىرلەشمىسى رۇسسېل گۇرۇھى (Russell Group of Universities)نىڭ ئەزاسى بولۇپ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى ئايال پادىشاھ ئېلزابېتنىڭ ئېرى فىلىپ (فىلىپ يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇدىرى).

      1536 - يىلى دىنى ئىسلاھاتچى پادىشاھ ھېنرى VIII بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەكتەپتىكى كاتولىك دىنىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسورلارنى مەكتەپتىن بوشىتىۋېتىپ كامبىىرىج نەشرىياتىنى قۇرغاندىن بۇيانقى 400يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتىىن بۇيان كامبىرىج ئۇنۋېرستېتى دۇنيادىكى ئىلىم پەننىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ يېڭى نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مەكتەپ بولۇپ كەلدى. كامبىرىجدىكى تۇنجى ئىنىستىتۇت پىتېر ئىنىستىتۇتى 1284-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باشقا ئىنىستىتۇتلار 14 - ئەسىردىن كېيىن قۇرۇلغان. ھەر قايسى ئىنىستىتۇتلار ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇپ كامبىرىج پەقەت ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇش نۇقتىسىنى پىلانلاش، ئوقۇتقۇچى تەمىنلەش ئىشلىرىغىلا مەسئۇل. كامبىرىجنىڭ ئىنىستىتۇتلىرى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەنئەنىسى ۋە ئايرىم مەكتەپ تۈزۈمىگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن خۇددى بىر فېدىراتىپ جۇمھۇرىيەتكە ئوخشاش كومىتېت تۇرغۇزۇپ، مەكتەپنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرنى سايلايدۇ. ھەر يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن يەككە تۈر نەتىجىسى 6دىن تۆۋەن بولمىغان ھالدا IELTS نەتىجىسى7.0دىن ، TOEFLنەتىجىسى 600دىن يۇقىرى بولغان، مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن تەتقىقات نىشانى ھازىرلىغان ئۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

      ئەنگىلىيە ئالى مەكتەپلىرىدە يىللىق تەسىس قىلىنمىغان بولۇپ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوقۇشقا تېگىشلىك دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولسىلا ئۈنۋان ئالغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر