باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

ئادەمنى يېزىش ماھارىتى

      بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەردە ئادەم يېزىلىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ماقالىلەردە تونۇشتۇرۇلىدىغان، تەشۋىق قىلىنىدىغان ئىش –ھەرىكەتلەر، ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ ھەممسى ئادەم تەرىپىدىن سادىر بولىدۇ. شۇڭا، ئادەمنى يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىۋېلىش ماقالە يېزىشنى ئۆگىنىشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر قابىلىيەت.

      ئادەمنى يېزىش ئادەتتە تاشقا قىيەتەتنى يېزىش، سۆز – ھەرىكەتلەرنى يېزىش ۋە ئوي – خىيال، ئارزۇ – تەلەپلەردە يېزىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى، ئادەملەر مانا مۇشۇ بىرقاتار بەلگىلىرى ئارقىلىق ئادەملىك خاراكتېرىنى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە بىر – بىرىدىن پەرقلىق بولغان قىياپەت ھەم ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.

تۆۋەندە بۇ مەزمۇنلارنى يېزىش ئۇسۇللىرىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

      1 – تاشقى قىياپەت يېزىش ماھارىتى

      تاشقى قىياپەتنى يېزىش ئادەمنىڭ چىراي شەكلى، بەدەن قىياپىتى (ئېگىز – پەس، ئورۇق – سېمىزلىكى)، كىيىم – كېچەكلىرى، تاشقى ئىپادىسى (خۇشاللىق، غەزەپ – نەپرەت، خاتىرجەملىك، بىئاراملىق بەلگىلىرى ) قاتارلىق تاشقى كۆرۈنۈشلەرنى يېزىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا ماقالىلەرنى زادى قانداق ئەھۋالدا تاشقى قىياپەتنى يېزىش كېرەك؟

      1. ئادەمنى تونۇشتۇرغاندا تاشقى قىياپەتنى يېزىشقا توغرا كېلىدۇ

      بەزى ماقالىلەردە ھەمىشە ئادەمنى بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىك ھالدا تونۇشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئادەمنىڭ ئاساسلىق بەلگىلىرىنىڭ بىرى بولغان تاشقى قىياپەتمۇ قوشۇپ تونۇشتۇرۇلىدۇ.

      مەسىلەن، ساۋاقداش قۇددۇس ياقۇپىڭ ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىغان ‹‹مېنىڭ دادام›› ناملىق ماقالىسىدە دادىنىڭ تاشقى قىياپىتى مۇنداق يېزىلغان:

دادام 40 ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي، دۇغىلاق، بۇغداي ئۆڭ، قارا كۆز، چاچلىرى ئاقارغان، يۈرۈش – تۇرۇشىدىن رەتلىك، پاكىز، ئىدىتلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.

      2. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا ياكى دەسلەپ كۆرۈشكەندە تاشقى قىياپەتنى يېزىش زۆرۈر

      بەزى ماقالىلەردە يازماقچى بولغان شەخس بىلەن دەسلەپ ئۇچراشقان، ئىزدەپ بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن جەريانلارنىمۇ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا تاشقى قىياپەتنى قوشۇپ يېزىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. چۈنكى، بىز بىرەرسى بىلەن دەسلەپ كۆرۈشسەك ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگە دىققەت قىلىمىز، شۇڭا ماقالىلەردە دەسلەپ كۆرۈشۈش، ئۇچرىشىش جەريانلىرىنى يازغاندا تاشقى قىياپەتنىمۇ قوشۇپ يېزىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مەسىلەن، قۇدرەت تۇرسۇننىڭ ››شەرەپ ساڭا مەدەتكار بولسۇن‹‹ دېگەن ماقالىسىدە ››3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو – ياپونىيە ئۆسمۈر بالىلار رەسىم، ھۆسنخەت، فوتۇ – سۈرەت مۇسابىقىسى‹‹ دە، بىر پارچە رەسىمى ‹‹مۇنەۋۋەر رەسىم›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىچىك دوست مەسئۇتجاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىدە ئاپتور ئۆزىنىڭ مەسئۇتجان بىلەن ئۇچراشقان كۆرۈنۈشىنى يازغاندا مەسئۇتجاننىڭ تاشقى قىياپىتىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتكەن: مەن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چېكىشىم بىلەن رەسىم سىزىلغان چوڭ بىر ئاق قەغەزنى كۆتۈرگەن، ئاق يۈزلۈك ئوماققىنە بىر بالا ئىشىكنى ئاچتى – دە، ماڭا بالىلارچە سالام بەردى.

      3. بىرەر كىشى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى يازغاندا تاشقى قىياپەتنى يېزىش زۆرۈر بولىدۇ

      بىز بەزى ماقالىلەرنى ئەسلىمە خاراكتېرىدە يازىمىز. بىرەر كىشى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنى يازغاندا ئاۋۋال شۇ كىشىنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن باشلاپ يېزىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ناھايىتى يېقىن ئۆتىدىغان ساۋاقدىشىڭىزدىن بىرى باشقا بىر يەرگە يۆتكىلىپ كەتتى. سىز ئۇنى سېغىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭدىن خەت كەلدى. خەتنى كۆرۈش بىلەن تەڭلا ساۋاقدىشىڭىز كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. ئەگەر ماقالىڭىزنى مۇشۇنداق تەرتىپلەر بويىچە باشلىسىڭىز، جەزمەن ساۋاقدىشىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتىنىمۇ يېزىشىڭىز كېرەك.

      ساۋاقداش ئادالەت تۇرسۇن ‹‹ساۋاقداشلىق رىشتى›› ناملىق مەشىق ماقالىسىنى دەل يۇقىرىقى تەرتىپلەر ئاساسىدا يېزىپ چىققان.

      مەن ساۋاقدىشىم ئالىيەنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم – دە، خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتىم. كۆزلىرىم رەتلىك، كۆركەم يېزىلغان تونۇش خەت قۇرلىرى ئۈستىدە يورغىلاشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ چاغدا ماڭا قەغەز يۈزىدە ساۋاقدىشىمنىڭ چىرايى نامايان بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلدى. ئەنە ئاپئاق يۈزلۈك، يوغان كۆزلۈك، ئورۇققىنە بىر گەۋدە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ قاپقارا كۆزلىرىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ.

      دۇنيادا ئوخشاش دەرەخ بولمىغىنىدەك، ئوخشاش ئادەممۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئادەملەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنى يازغاندا ھەممىسىنى ئوخشاش بىرلا خىل، بىرلا قېلىپتا يېزىشتىن ساقلىنىپ، خۇددى رەسساملار ئادەمنىڭ تاشقى شەكلىگە قاراپ ئۇلارنى ئەينەن ئۆزىگە ئوخشىتىپ سىزىپ چىققاندەك ھەربىر شەخسنىڭ تاشقى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ئەينەن يېزىپ چىقىشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ماقالە يېزىش يېتەكچىسىدىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي