باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلار قۇرۇلتىيى بىلەن پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر

 

      بىرىنچى، پىيونېرلار قۇرۇلتىيى ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىنىڭ يىغىنى، پىيونېرلار ئەترىتىنى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى. ئۇ پۈتۈن مەملىكەت، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، ئوبلاست (شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا (بازار) ۋە مەكتەپ پيونېرلار قۇرۇلتىيىغا ئايرىلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتە مەملىكەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيى بەش يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ، ئوبلاست (شەھەر) دەرىجىلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيى ئۈچ يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا – بازار پىيونېرلار قۇرۇلتىيى ئىككى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ، مەكتەپ پىيونېرلار قۇرۇلتىيى يىلدا بىر قېتىم چاقىرىلىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋالدا ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار قۇرۇلتايلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ياكى كېيىن چاقىرىلسىمۇ بولىدۇ. ئىككى نۆۋەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيى ئارىسىدا ئېھتىياجغا ئاساسەن پىيونېرلار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ئىچىلسا بولىدۇ.

      1. پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئەترەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقىلىدۇ، ئەترەت خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى قارار قىلىنىدۇ، ئەترەتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە كېڭىشىش ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلىدۇ، قۇرۇلتاينىڭ باشقا كۈن تەرتىپلىرى ئورۇندىلىدۇ.

      2. پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى كۈن تەرتىپلىرى ئورۇندىلىدۇ.

      بىرىنچى، ۋەكىللەرنى دېموكراتىك سايلاش. پىيونېرلار قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىللىرى، تەربىيەچىلەر ۋەكىللىرى (مەكتەپ سىرتىدىكى پىدائىي تەربىيەچى ۋەكىللىرى)، ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئەترەت خىزمەتچىلىرى، مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ۋە ئەترەت خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغان ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. ۋەكىل چوقۇم پىيونېر، ئەترەت تەربىيەچىسى ۋە ئەترەت خىزمىتىدىكى ئىلغارلاردىن بولۇشى، سايلام ئېلىپ بېرىلغان ئورۇننىڭ پىكرىنى، ۋەكىل ئەزا بىلەن تەربىيەچىنىڭ ئىرادىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرەلىشى، مۇئەييەن كېڭىشىش ئىقتىدارىغا، ئىلغارلىققا ۋە كەڭ ۋەكىللىككە ئىگە بولۇشى كېرەك. ۋەكىللەرنى تەقسىم قىلغاندا شۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەركىبىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شەھەر بىلەن يېزىغا، ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپكە، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى ئورۇن بىلەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى ئورۇنغا، قىز – ئوغۇل نىسبىتىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش، مۇھاجىرلار ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى مۇۋاپىق ئويلىشىش كېرەك.

      ۋەكىللەر سانىنى قۇرۇلتاينى چاقىرغان ئىتتىپاق كومىتېتى ياكى پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى پىيونېرلارنىڭ سانى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قۇرۇلتاينى تەشكىللەش ۋە چاقىرىشقا پايدىلىق بولۇش، مۇزاكىرە قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بىكىتىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوبلاست (شەھەر) دەرىجىلىك پىيونېرلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىل سانى 200 دىن 300 گىچە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 400 دىن ئاشمايدۇ. ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىل سانى 100 دىن 200 گىچە بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 دىن ئاشمايدۇ. چوڭلار بىلەن پىيونېرلار ۋەكىللىرى سانى يېرىمدىن ئىگىلىنىدۇ. ۋەكىللەرنى تەقسىم قىلىش لايىھەسى دوكلاتىنى تەڭ دەرىجىلىك پارتكوم ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پىيۇنېرلار كومىتېتى بېكىتىدۇ.

      ئىككىنچى، پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىك خەت ساندۇقىنى تەسىس قىلىش. پىيونېرلار ۋە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارنى پىيونېرلار خىزمىتى ۋە پائالىيىتىگە پىكىر، تەكلىپ بېرىشكە يېتەكلەش كېرەك. تەكلىپ لايىھەسى تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش، تەكلىپ لايىھەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەسىلە بولسا چوقۇم تۈزىتىش كېرەك.

      ئۈچىنچى، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىش. مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى تەشۋىقات – تەربىيە بازىلىرى ۋە تېلېۋىزور، رادىيو، تور قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش، قويۇق تەشۋىقات كەيپىياتى بەرپا قىلىش كېرەك.

      تۆتىنچى، چوڭ يىغىن ئېچىپ كۈن تەرتىپلەرنى ئورۇنداش.

      3. پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى

      بىرىنچى، ئەترەت بايرىقىنى چىقىرىش. ئىككىنچى، ئەترەت شېئىرىنى ئوقۇش. ئۈچىنچى، پىيونېرلار بېغىشلىما ئوقۇش. تۆتىنچى، تەبرىك خېتى ئوقۇش. بەشىنچى، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇش (پارتىيە، ئىتتىپاق، مائارىپ رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئالتىنچى، پىيونېرلار كومىتېتى قۇرۇلتايغا خىزمەت دوكلاتى بېرىش. يەتتىنچى، تەقدىرلەش. سەككىزىنچى، سايلام . توققۇزىنچى، ئەترەتنىڭ زور مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش، تەشەببۇسنامە چىقىرىش، مەلۇم بىر زور پائالىيەتكە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىقلار.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر