باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹چاچ كېسىش›› ئويۇنىش

      ‹‹چاچ كېسىش›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئون نەچچە ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە. بۇ ئويۇننىڭ ئاتا ــ بوۋىلىرىمىز شامان دىنى ئېتىقاد قىلغان مەزگىلدىن تارتىپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەك ــ شۈبھىسىز. شامان دىنى ئېتىقادىدا ‹‹ئوت››، ‹‹نۇر››، ‹‹كۈن››، ‹‹ئاي›› قاتارلىقلار مۇقەددەس سانىلىدۇ. شۇ زاماندا ياشىغان ئۇيغۇر خانىم ـ قىزلىرى كۆڭلىگە پۈككەن بۈيۈك ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى ئۆز ئېتىقادىدا مۇقەددەس سانالغان شەيئىلەرگە تېۋىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ يارىشىملىق ئۇزۇن چاچقا خۇشتار بولۇپ، يامغۇردىن كېيىن ئاسماندا ھەسەن ــ ھۈسەن پەيدا بولغاندا چېچىنى ئۆينىڭ بوسۇغىسىغا قويۇپ، بىر قولىدا چاچنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدا كىچىك ئاي ئايپالتىنى ياكى قىڭراقنى ئېلىپ چاچنىڭ كىچىككىنە قىسمىنى كەسكەن، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن، توم چاچلىق بولۇش ئارزۇسىغا غايىبانە بولسىمۇ يېتىشنىڭ يولىنى ئىزدىگەن، ھەتتا كىيىنچە بۇ غايە رېئاللىققا ئايلانغان. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئويۇن ئەسىرلەردىن ـ ئەسىرلەرگە داۋاملىشىپ، ئەۋلادتىن ــ ئەۋلادقا مىراس قالغان. چۈنكى، چاچ كېسىشتىن مەقسەت ئۇنى يوق قىلىۋېتىش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆستۈرۈش. دېمەك، بۈگۈنكى ‹‹چاچ كېسىش›› ئويۇنى ئەنە شۇ تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر خانىم ـ قىزلىرىنىڭ چاچ كېسىش داۋامىدۇر.

      ‹‹چاچ كېسىش›› ئويۇنى ئادەتتە يامغۇر توختاپ ئاسماندا ھەسەن ــ ھۈسەن كۆرۈنگەن ياكى ھەسەن ــ ھۈسەن كۆرۈنمىسىمۇ، يامغۇر ياغقان چاغلاردا قىزلار ھويلا ـ ئاراملاردا ئوينايدۇ. بۇ ئويۇننى ئوينىغاندا يامغۇر ياغقان ھامان چاچلىرىنى پاكىز يۇيۇپ تاراپ تەييارلىق كۆرۈۋالىدۇ، ئاندىن مەھەللىدىكى مەلۇم بىر قىزنىڭ ھويلىسىغا يىغىلىدۇ ـ دە، يامغۇرنىڭ توختىشىنى، ھېچ بولمىغاندا بىرئاز پەسلىشىنى كۈتكەچ ياغاچ ئاي پالتا ياسايدۇ، ئۆزلىرى خالىغانچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەندىن كېيىن، ئويۇن كۆرسىتىش نۆۋىتىنى تالىشىدۇ. ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان قىز ئوڭ قولىدا ‹‹ئاي پالتا››نى، سول قولىدا تال ــ تال ياكى بىر جۈپ ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ ئۇچىدىن 1 ـ 2 سانتىمېتىر كېلىدىغان قىسمىنى تۇتۇپ بوسۇغىغا ئېڭىشىدۇ. ئويۇن كۆرىدىغان قىزلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ گويا بىر مۇقەددەس پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقاندەك تەرىزدە دىققىتىنى يىغىپ جىمجىت تۇرىدۇ. ئويۇن كۆرسىتىدىغان قىز ئۆزىگە ئوڭ كەلگەن تەرەپنى ئاساس قىلىپ چېچىنى بوسۇغىغا قويۇپ، كۆڭلىدە ‹‹ چېچىم تېز ئۆسسۇن، ئاۋۇسۇن، توم بولسۇن›› دەپ، كەسكەندەك شەكىل پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەرىكەت يۇقىرىقى تەرتىپ بويىچە شۇ كۈنى ئويۇنغا قاتناشقان قىزلار تەرىپىدىن تەكرارلىنىدۇ. قىزلارنىڭ ھەممىسى چېچىنى بىر قېتىمدىن ‹‹ كېسىپ›› بولغاندىن كېيىن، كېسىلگەن ‹‹چاچ››لىرىنى ھويلا ۋە باغلاردىكى گۈللەرنىڭ تۈۋىگە كۆمۈۋېتىپ، ئۆزئارا ‹‹چېچىنىڭ ئۇزۇن، كۆپ، ئاۋۇشلۇق، توم بولسۇن›› دەپ تەكرارلىشىدۇ، چىرايلىرىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ شادلىنىدۇ.

      ‹‹چاچ كېسىش›› ئويۇنى ئۆزىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدىكى تارىخىي قىممىتى ۋە مول رېئال ئەھمىيىتى بىلەن ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا تا بۈگۈنگىچە ساقلانماقتا. بۇ ئويۇن ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ خاسلىقىنى تونۇش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ، ئۆز ۋۇجۇدىدا تەبىئىي مەۋجۇت گۈزەللىكىنى تونۇتىدۇ، قىزلارنى ئوغۇللاردىن پەرقلەندۈرۈشتە چاچنىڭ ئوينايدىغان رولى ھەققىدە دەسلەپكى ساۋات بېرىدۇ.

     

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر