باش بەت | كائىنات سىرلىرى

2012 – يىلى يەر شارىغا ھېچقانداق جىسىم سوقۇلمايدۇ

      بازار تاپقان ئامېرىكا فىلىمى ‹‹2012›› دە تەسۋىرلەنگەن ئاخىر زامان كۆرۈنۈشى كىشىلەردە تۈرلۈك ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ بۇلتۇر 11 – مارت ياپونىيەدە توققۇز بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كىشىلەر بۇ فىلىمدىكى بايانغا ئىشىنىپ قالغان. ئامېرىكا ئالەم ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى(NASA) يېقىندا تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتكەن.

      ماقالىدە: ‹‹2012›› ناملىق فىلىمدىكى پەرەز ‹‹Nibiru›› ناملىق پىلانېتادىن باشلانغان. سۇمېرلار بۇ پىلانېتانى يەر شارىغا سۇقۇلىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ ئاپەتنىڭ دەسلەپتە 2003 – يىلى مايدا يۈز بېرىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان، بىراق ھەيران قالارلىقى ئۇ كۈنى ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەچكە، كىشىلەر بۇ ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتىنى 2012 – يىلى دېكابىرغا كېچىكتۈرگەن. كېيىن بۇ ئىككى ئىفۋا قەدىمكى مايالارنىڭ 2012 – يىلى قىشتا ۋاقىت ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كالېندارىغا باغلىنىپ، ئىشەنچلىك دەرىجىسى ئاشۇرۇلغان، دېيىلگەن.

      ماقالىدە يەنە: مايالارنىڭ بۇ كالېندارى خۇددى ئۆيىمىزگە ئاسقان كالېنداردىكى بىر يىلنىڭ 31 – دېكابىر ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ كالېندارىدا دېكابىر پەقەت 21 كۈنلۈك ئاي ھېسابلىنىدۇ. 21 – دېكابىردىن كېيىن يىل يېڭىلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ 31 – دېكابىردىن كېيىن يېڭى يىل كىرىدۇ، دەپ قارىغىمىزدەكلا بىر ئىش. يەر شارىنىڭ ئاقار يۇلتۇز ۋە پىلانېتانىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرۇشى ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق ئاپەت خاراكتېرلىك سوقۇلۇش 65 مىليون يىل ئىلگىرى يۈز بېرىپ، دېنازاۋۇرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. بىراق بۇ يىل يەر شارىغا ھېچقانداق ئاقار يۇلتۇز ياكى پىلانېتا سوقۇلمايدۇ. قۇياش ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيەتلىك دەۋرى بولىدۇ، ھەر 11 يىلدا بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ. ھەر قېتىملىق يۇقىرى پەللىگە يېقىنلاشقاندا، قۇياشنىڭ ئۇشتۇمتۇت چاقنىشى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. ئالىملىرىمىز قۇياش بورىنىنى قانداق توسۇشنى بىلسىمۇ، قىسمەن ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بىراق بۇنىڭ 2012 – يىلى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. قۇياشنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان دەۋرى 2012 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە بولىدۇ، دېيىلگەن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي