باش بەت | سەيلىگاھلار

ەيزاۋاتتىكى قەدىمكى شەھەرلەر ۋە ساياھەت نۇقتىلىرى

 ھاجى ئەمەت ، روزىھاجى ئابلا

 

      پەيزاۋات — قەشقەر دەرياسى ھەۋزىسى شەكىللەندۈرگەن تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان.

      پەيزاۋاتنىڭ ‹‹جۇڭگو قوغۇن ماكانى››، ‹‹جۇڭگو قارا ئۆرۈك ماكانى››، ‹‹جۇڭگو ئۆرۈك ماكانى›› دېگەن نامى بار. پەيزاۋاتتا ئارخېئولوگىيە تارماقلىرى بايقىغان قەدىمكى شەھەرلەردىن داقىيا قەدىمكى شەھىرى، مورتۇم قەدىمكى شەھىرى، ئاق پوتەي قەدىمكى شەھىرى قاتارلىقلار بار.

      ئاق پوتەي قەدىمكى شەھىرى — پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، كۆلىمى ئون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 1500 يىللىق تارىخقا ئىگە.

      مورتۇم قەدىمكى شەھىرى — قىزىلسۇ يېزىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 375 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. بۇلاردىن سىرت پەيزاۋاتنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرى ئورگانىك بىرىككەن.

      قەشقەر ساماۋى قوۋۇق سىرلىق جىلغىسى — پەيزاۋات ناھىيەسى شېكەر كۆل بازىرىنىڭ شىمالىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، قار – يامغۇر سۈيىنىڭ يالىشى بىلەن تۈرلۈك شەكىل، ھەر خىل رەڭلەرنى ھاسىل قىلغان. بۇ جىلغا تەخمىنەن 400 مىڭ يىللار ئىلگىرى يەر پوستى ھەرىكىتى تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، مۇھىم گېئولوگىيىلىك تەتقىقات قىممىتى ۋە ئېستېتىك زوق بېرىش قىممىتى بىلەن 2006 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن – مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن <<دۇنيادىكى نادىر يەر شەكلى باغچىسى>>دەپ باھالانغان.

      شېكەر كۆل سۇ ئۈستى ئارامگاھى — پەيزاۋات ناھىيە شېكەر كۆل بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 100مىڭ كۋادرات مېتىر، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى 100مىليون كۇپ مېتىر. بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدا كۆلىمى 400 مودىن ئاشىدىغان تەبىئىي يۇلغۇنلۇق بار، كۆلدە قولۋاق ھەيدەش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ئويۇن تۈرلىرى يولغا قويۇلغان. كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدا يۇلغۇن، توغراق، قومۇش بۈك – باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، ساياھەت قىلىش ۋە ئارام ئېلىشتىكى ياخشى جايدۇر. ئۆردەكلىك يېزىسىدىكى تەبىئىي توغراقلىقتا ياۋا توشقان، تۈلكە، ئارقار، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل، كەكلىك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار، كۈز پەسلىدە بۇ توغراقلىق ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، قىزارغان يۇلغۇن چېچەكلىرى تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

      ئىپتىدائىي توغراقلىق — پەيزاۋات ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالى تەرىپىدىكى 93 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 40 كىلومېتىر، شىمالدىن – جەنۇبقا كەڭلىكى 20 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغاچقا، فوتوگراف، رەسساملار بۇ يەرنى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەنزىلگاھ قىلىپ تاللىغان.

      بۇلاردىن سىرت، پەيزاۋاتتا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرىدىن ئۈزۈمزارلىق، ئەنجۈرلۈك باغ، قارا ئۆرۈك ئارامگاھى قاتارلىق ئارامگاھلار بار. بۇلار ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى ياخشى بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتىكى مەنزىلگاھى بولۇپ قالدى.

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر