باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

رومى بىلەن سومى

(چەت ئەل چۆچىكى)

      بۇرۇن رومى، سومى ئىسىملىك ئىككى دوست ئۆتكەن ئىكەن. رومى ھاماقەت، سومى قۇۋ ئىكەن. ئۇلار مال – مۈلكىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق ئىشلەتمەكچى بوپتۇ.

      بىر يۇڭ ئەدىيالنى كۈندۈزى رومى، ئاخشىمى سومى ئىشلىتىدىكەن. رومى كۈندۈزى ئىشلىگەچكە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋامۇ ئىسسىق بولغاچقا ئەدىيالنى تۈزۈك ئىشلىتەلمەيدىكەن.

      ئۇلارنىڭ بىر سىيىرى بولۇپ سىيىرنىڭ ئالدىنقى يېرىم بەدىنىگە رومى، كېيىنكى يېرىم بەدىنىگە سومى ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن. رومى سىيىرنى باقسا سومى سىيىرنىڭ سۈتىنى سېغىپ ساتىدىكەن.

      ئۇلارنىڭ بىر تۈپ ئالما دەرىخى بولۇپ يىلتىز ۋە غولىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان رومى ئۇنى سۇغىرىپ پەرۋىشلىسە، شاخ – يوپۇرماقلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان سومى ئالمىسىنى يىغىۋالىدىكەن.

      سومىنىڭ بارغانسېرى سەمىرىپ، رومىنىڭ جۈدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىر يۇرتدىشى رومىغا ئەقىل ئۆگىتىپتۇ. رومى سوغۇق سۇ سېپىلگەن ئەدىيالنى سومىغا بېرىپتۇ. سومى توڭلاپ كېچىچە ئۇخلىيالماپتۇ.

      سومى سۈت سېغىۋاتقاندا رومى شال پاخىلىدا سىيىرنىڭ بۇرنىنى غىدىقلاپتۇ. غەزەپلەنگەن سىيىر بىر تېپىپ سۈت چېلىكىنى ئۆرۈۋېتىپتۇ. سومىنىڭ ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ. رومى: ‹‹سىيىرنىڭ بېشى ماڭا تەۋە، كارىڭ بولمىسۇن!›› دەپتۇ.

      سومى ئالما ئۈزۈۋاتقاندا رومى دەرەخ غولىنى چېپىشقا باشلاپتۇ. سومى ھودۇقۇپ: ‹‹دەرەخنى كېسىۋەتسەڭ مېۋە بولمايدۇ›› دەپتۇ. رومى: ‹‹دەرەخ غولى مېنىڭ، چاتىقىڭ بولمىسۇن!›› دەپتۇ. سومى دەرھال دەرەختىن چۈشۈپ: ‹‹مال – مۈلۈكنى سەن بۆلگىن!›› دەپتۇ. رومى: ‹‹ئەدىيالنى نۆۋەت بىلەن ئىشلىتەيلى، سۈتنى ئىككەيلەنگە تەڭ بۆلەيلى، ئالما دەرىخىنى نۆۋەتلىشىپ سۇغىرىپ، مېۋىسىنى يېرىمدىن ئالايلى!›› دەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قاپتۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر