باش بەت | مەكتەپلەر

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى

      ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى داڭلىق، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قەدىمىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ داھىي مۇستافا كامال ئاتاتۈرك قۇرۇپ چىققان يېڭى دۆلەت بىلەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئورنى بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاتاتۈرك 1921 - يىلى پىكىر جەھەتتىكى ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن تۇنجى دۆلەتلىك ئالىي مائارىپ ئاپپاراتى. 1921 - يىلى مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، ئەنقەرە قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتى قۇرۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، بۇ پىلان پەقەت 1925 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا تۈركىيەنىڭ ئىلمىي ۋە سەنئەت جەھەتتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان قەدىمىي، داڭلىق ۋە زامانىۋى بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر.

      ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلار ۋە تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن 1925 - يىلى قانۇنشۇناسلىق مەكتىپى قۇرغان. تۈرك دېھقان-چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن 1933 - يىلى يېزا-ئىگىلىك ئالىي تېخنىكومى قۇرۇپ، يېزا-ئىگىلىك مۇلازىمىتى ساھەسىدە يېپيېڭى بىر سەھىپە ئاچقان. كېيىنچە تارىخ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن تۈرك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە تۈركىيەنىڭ دۇنياغا ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشتا تىل بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە  1935- يىلى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قۇرۇلغان. 1859 - يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپلا مەكتەبىي مۈلكىيە دېگەن نام بىلەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىققان، 1936 - يىلى ئەنقەرەگە يۆتكەلگەن سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى ئەڭ سەرخىل فاكۇلتېتلاردىن بىرىدۇر. نۆۋەتتە، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي بىلىملەر فاكۇلتېتى يېڭى ۋە زامانىۋى تۈركىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدىغان ئالىي مائارىپ ئورگىنىدۇر. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى 1940 - يىلى قۇرۇلغان مېدىتسىنا ۋە تەبىئىي پەنلەر فاكۇلتېتلىرىنىڭ ئوقۇش باشلىشى بىلەن 1946 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تولۇق تاماملىنىپ بولغان. 1948 - يىلى يېزا-ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ يېزا-ئىگىلىك ۋە مال دوختۇرلۇق فاكۇلتېتلىرى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەۋە بولغان. 1949 - يىلى قۇرۇلغان دىنشۇناسلىق فاكۇلتېتى، 1935 - يىلى قۇرۇلغان ۋە 1950 - يىلى سىياسىي بىلىملەر دەپ ئاتالغان فاكۇلتېت، 1960 - يىلى قۇرۇلغان دورىگەرلىك فاكۇلتېتى، 1963 - يىلى قۇرۇلغان ئېغىز بوشلۇقى فاكۇلتېتى، 1965 - يىلى قۇرۇلغان پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ۋە شۇ يىلى قۇرۇلغان ئاخبارات فاكۇلتېتى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي بايلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان فاكۇلتېتلاردۇر.

      ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى 2009 - يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئوقۇشقا كىرگەن يەتتە مىڭدىن كۆپرەك باكلاۋۇر، ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك ئاسپىرانت بىلەن تۈرك بىلىم دۇنياسىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان زامانىۋى ۋە ئىلغار بىلىم مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2009 - يىللىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قاراشلىق 14 فاكۇلتېت، 3 ئالىي تېخنىكوم، 6 كەسپىي ئالىي تېخنىكوم ۋە بىر دۆلەتلىك سەنئەت مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاسپىرانتلىق ساھەسىدە ئۇنىۋېرسىتېتقا قاراشلىق 9 ئىنستىتۇت بار. يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىسىدە 50 تىن ئارتۇق ئاسپىرانتلىق ۋە باكلاۋۇرلۇق پىروگراممىسى بار. خالىغان ئوقۇغۇچىلار بىرىنچى يىل چەتئەل تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيالايدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش پۈتتۈرگەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنياغا مۇھىم تۆھپە قوشۇۋاتقان نادىر بىلىم مەركىزىدۇر. 2009 - يىلىدىن بۇيان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1080 پىروفېسسور ، 304 دوتسېنت ۋە 258 ياردەمچى دوتسېنت بولۇپ جەمئىي 1642 ئوقۇتقۇچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشقا قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلار، يەنى مۇتەخەسسىس ۋە تەتقىقاتچى 1660 كە يېتىدۇ. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى بىر تەرەپتىن ئۆز ساھەسىدە مائارىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقىۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1950 - يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ قۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى چەتئەل ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە بىلىم مەركەزلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى ۋە بەرمەكتە. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بىلەن 60تىن ئارتۇق تەتقىقات ھەمكارلىقى كېلىشىمنامىسىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىنى ساقلىماقتا. بۇ كېلىشىمنامىلەرگە ئاساسەن ئورتاق تەتقىقات لايىھەلىرى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ماتېرىيال ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتلار بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان دۆلەتلەر ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تارىخ، مەدەنىي ئىنسانشۇناسلىق، دىنشۇناسلىق ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا دېڭىز ئىلمىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ ئاكتىپ ئەزاسى. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى يەنە گېرمانىيە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق جەمئىيىتى، ساساكاۋا فوند جەمئىيىتى، ئالېكساندر ۋە ھۇمبولدت فوند جەمئىيىتى، ئىنگلىز مەدەنىيەت كېڭىشى، خەلقئارا يېزا-ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، گېرمانىيە ئېلېكتىرون شىركىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتتىن سىرتقى چەت ئەل جەمئىيەتلىرى بىلەنمۇ تەتقىقات جەھەتتىن زىچ ھەمكارلىق ئورناتماقتا. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىسىدە قۇرۇلغان تاشقى ئالاقە باشقارمىسى، تۈركىيەدىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ياكى چەتئەلدىن تۈركىيەگە كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرمەكتە. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹يىراق مۇساپىلىك مائارىپ›› ۋە ‹‹ئىزچىل مائارىپ›› دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ خىزمىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان بىر مەركەز قۇرۇلدى. خەلقئارادىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى، مىسلىسىز دەرىجىدە ئۈلگە يارىتىپ، 1984 - يىلى 1 - مارت زامانىۋى مېتودلار ئارقىلىق دەرس بېرىلىدىغان تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدە 10 شۆبىسى بار بولغان قىسقىچە ‹‹TÖMER›› دەپ ئاتىلىدىغان ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركچە ئوقۇتۇش مەركىزى چەتئەللىكلەرگە تۈرك تىلىنى ئۆگىتىشتە ئۈلگىلىك بىر ئورگاندۇر.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر