باش بەت | كائىنات سىرلىرى

ئايروپىلان

      ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ قۇشلارغا ئوخشاش ئۇچۇشقا تەشنا بولۇپ كەلدى. تۇنجى ئايروپىلاننىڭ دۇنياغا كېلىشى ئىنسانلارغا ئۇچىدىغان قانات بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىنسانلار ئۇچقانسېرى تېز ئۇچىدىغان بولدى.

 

ئېغىرلىق كۈچىنى يوقىتىش

      يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن جىسىملار ئېغىرلىق كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. ئايروپىلان قانىتىنىڭ ئالاھىدە شەكلى ئايروپىلان تېز سۈرئەتتە ئالدىغا قاراپ ھەرىكەت قىلغاندا ئۇنى ئۆرلەش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ يۇقىرىغا يۆلەنگەن ئۆرلەش كۈچى ئېغىرلىق كۈچىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدۇ.

 

ئايروپىلاننى كونتىرول قىلىش سىستېمىسى

      ئۇچقۇچىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمىگە ھەر خىل كونترول قىلىش سىستېمىلىرى، ئايروپىلاننىڭ يۆلىنىش ۋە ئېگىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەسۋابلار ئورنىتىلغان. خەلق ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىدەك ھەر ۋاقىت رولىنى تۇتۇپ ئولتۇرمايدۇ، ئۇلار ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىدا بىرقەدەر ئەركىن بولىدۇ. كۆزىتىشكە، دەم ئېلىشقا ھەتتا قەھۋە ئىچىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلغار ئاپتوماتىك يول باشلاش ۋە كونترول قىلغۇچى سىستېمىنىڭ تۆھپىسىدۇر.

 

      يېنىك تىپتىكى ئايروپىلان

       يېنىك تىپتىكى ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسى يېنىك. ئەپچىل. ئۇنى ھەيدەش ئوڭاي بولۇپ پەقەت ئىككى ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ. بۇ خىل ئايروپىلانلار ھازىر بارغانسېرى ئىشتىن سىرتقى ئۇچۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. نۆۋەتتە يېنىك تىپتىكى ئايروپىلانلار ئاساسلىقى دېھقانچىلىقتا ھاشارات يوقىتىش، ئورمانلارنى قوغداش، ھاۋادىن سۈرەتكە تارتىش، جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو بالىلار قامۇسى تەھرىر: ئاينۇر