باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

تىلسىمات ئالىمىدە پەرۋاز

 — جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام توغرىسىدا (2)

‹‹تىلسىمات داۋانلىرى››دا

      ھوشۇر ئىسلام 1942 – يىلى 8 – ئايدا چاپچال ناھىيەسىنىڭ چوڭ بوغرا يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق چاغلىرىدا چوڭ بولغاندا دوختۇر، جەڭچى ۋە مۇئەللىم بولۇشنىڭ ‹‹شېرىن چۈشى›› نى تالاي قېتىملاپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا ئۇلار ئەمەس، پۈتۈن يېزا، ھەتتا ناھىيەلەردىكى بىرمۇ ئادەم بۇ ئالەمدە ‹‹كومپيۇتېر›› ئاتلىق بىر ‹‹مەخلۇق››نىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا، ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجا شەھىرىدە ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، 1959 – يىلى 17 يېشىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ئاقلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈرگەن كۈنلەردە، يېڭىدىن قۇرۇلغان قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبەرلىرى مەكتەپكە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۆرۈپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىغا فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تاللىۋالدى. ئۇنىڭ بۇ ئىشتا تازا مەيلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا يەنىلا ‹‹تەقسىماتقا بويسۇنۇپ، ئاتا – ئانىدىن ئايرىلدۇق›› دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، سۆيگەن قىزى ئەلانۇر نىياز بىلەن بىللە ئەزىزانە قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇ 1964 – يىلى قەشقەرگە كەتكىنىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا توپتوغرا 17 يىل فىزىكا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 1981 – يىلى 6 – ئايدا ئايالى ئەلانۇر ۋە دىلنۇر، دىلدار ئىسىملىك ئىككى قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بوسۇغىسىدىن يەنە بىر قېتىم ئاتلىدى. چۈنكى، 17 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىقى ۋە زېرەكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قەشقەرگە يولغا سېلىپ قويغان ئانا مەكتىپى بۇ قېتىم ئۇنىڭ خىزمەتتىكى گەۋدىلىك نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، فىزىكا فاكۇلتېتىغا يۆتكەپ ئەكىلىۋالغانىدى. شۇ چاغدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرتىتېتىدا فىزىكا ۋە رادىيو ئېلېكتىرونىكا كەسپىلا بار بولۇپ، كومپيۇتېر ۋە ئېلېكتىرون كەسىپلىرى تېخى تەسىس قىلىنمىغانىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپمۇ داۋاملىق فىزىكا ئوقۇتۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى.

      ھوشۇر ئىسلامنىڭ كېيىنكى چاغلاردا كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر ئىلمى كەسپىدە مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى كەسىپداشلار ئېتىراپ قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئۇنى قەدىرلەپ ھەم ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنى 1982 – يىلى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىككى ئايلىق، 1984 – يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۆت ئايلىق كومپيۇتېر كەسپى بويىچە ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكى سەۋەب بولدى، دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. دەل مۇشۇ ئىككى قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك ئوقۇش پۇرسىتى ھوشۇر ئىسلامنىڭ قىرانلىق چاغلىرىدىكى ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرغان ۋۇجۇدىغا كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ‹‹سىرلىق جانان››نىڭ ‹‹مۇھەببەت ئوتى››نى سالدى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ئاشۇ ‹‹سىرلىق جانان››نىڭ ‹‹ئىشق – پىراقى››دا ‹‹مەجنۇن›› بولۇپ، ئۇنىڭغا بارلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى، قىرانلىق چاغلىرىنى ھەم زېھنىي قۇۋۋىتىنى بېغىشلىدى. بولۇپمۇ ئۇ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا كومپيۇتېر كەسپىدىن بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان چاغدا، كومپيۇتېردىن ئىبارەت بۇ ‹‹تىلسىمات ئالىمى›› دا ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھەم راۋان بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كاللىسىدا تۇيۇقسىزلا بۇ ‹‹سىرلىق مەخلۇق››تا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ ئۇرچۇرلىرىنىمۇ خۇددى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندەك راۋان بىر تەرەپ قىلغىلى بولارمۇ؟! دېگەن ئوي پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ خىيال ئۇنى كېچە – كۈندۈز قىيناپ، زادىلا ئاراملىق بەرمىدى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ مەيلى نەگىلا بارسۇن، كاللىسىدا شۇنىڭدىن باشقا خىيال يوق ئىدى. بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش مۇمكىن بولسا، مەيلى كومپيۇتېر ساھەسى ئۈچۈن بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقلارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىقىنى زامانغا لايىقلاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇم، ئابىدە خاراكتېرلىك نەتىجە بولۇپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشقا بىر تەۋەككۈل قىلىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى ھەم كەچلىرى ئادەم ئايىغى بېسىققاندا مەكتەپنىڭ كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسىغا چىقىپ سىناقنى باشلىۋەتتى. ئالاھىزەل ئىككى ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇنىڭ قايتا – قايتا تەجرىبە قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بىرقانچە ھەرپى كومپيۇتېر ئېكرانىدا ئاخىر پەيدا بولدى. ئۇ بۇنى كۆرۈپ خۇددى تۇنجى پەرزەنتى دۇنياغا كۆز ئاچقان ئاتىدەك چەكسىز ھاياجانلاندى، تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدى. دېمەك، ئۇنىڭ ئاشۇ ئوي – خىياللىرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلغان.

      ھوشۇر ئىسلام شاڭخەيدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شاڭخەيدە تۇغۇلغان ئاشۇ ئوي – خىياللىرى ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنى ئاۋۋال خىزمەتداشلىرىغا، ئاندىن مەكتەپ رەھبەرلىرىگە دوكلات قىلدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، 30 مىڭ يۈەنگە pc8000B تىپلىق بىر كومپيۇتېر ئېلىپ بەردى ھەم ھوشۇر ئىسلام قاتارلىق بىرقانچە كىشىنى بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل قىلدى. ئەينى چاغلارغا نىسبەتەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچۈن 30 مىڭ يۈەن خەجلەپ بىر كومپيۇتېر سېتىۋېلىش ئانچە كىچىك ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كومپيۇتېر شۇ چاغدا مەكتەپ بويىچە بىردىنبىر مىكرو كومپيۇتېر ھېسابلىناتتى.

      مەكتەپ رەھبەرلىرى ھەم كەسىپداشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە ئىلھام بېرىشى بىلەن ھوشۇر ئىسلام ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ، ۋۇ زۇڭياۋ قاتارلىق كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 30 يىلغا يېقىن سوزۇلغان ‹‹تىلسىمات داۋانلىرى›› غا قىلغان مارافونچە سەپىرىنى باشلىۋەتتى. بىراق، بۇ تەتقىقات تېمىسى ئېيتماققا ئاسان بولغىنى بىلەن، قول سېلىپ ئەمەلىي ئىشلىمەك ناھايىتى مۇشكۈل ئىدى. خوش، ئۇنداقتا، بۇ تەتقىقات تېمىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ پاكىت شۇكى، ئىنگلىزچە خەنزۇچە يېزىق ئۇچۇرلىرى يەككە ھەرپلەردىن تەركىب تاپقا بولغاچقا، ھەرپلەر بىر – بىرىگە ئۇلانمايدۇ، ھەرپ كىرگۈزۈش ۋە تەھرىرلەش يۆنىلىشى بىر خىل (سولدىن ئوڭغا)، ھەرپلەرنىڭ كەڭلىكى ئوخشاش، كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى نۇر بەلگە بىر يۆنىلىشتە تەڭ كەڭلىكتە يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ ھەرپلىرى ئۇلانما ھەرپ بولغاچقا، ھەربىر ھەرپنىڭ تۆتتىن سەككىز خىلغىچە شەكلى بار. شۇڭا، كومپيۇتېرنىڭ ھەرپلەرنى ئاپتوماتىك تاللىشى ھەم بىر – بىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۇلىشىغا توغرا كېلىدۇ. يەنى، كومپيۇتېردا بىرىنچىدىن، ئاپتوماتىك ھەرپ تاللاش ۋە ئۇلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ ھەرپلىرى كومپيۇتېرغا ئوڭدىن سولغا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىنگلىزچە، خەنزۇچە يېزىق ئۇچۇرلىرى بىلەن بىللە بىر تەرەپ قىلغاندا قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كومپيۇتېردا ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ بەزىلىرى كەڭ، يەنە بەزىلىرى تار بولغاچقا، كومپيۇتېر ئوخشىمىغان كەڭلىكتە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، كومپيۇتېر ئېكرانىدىكى نۇر بەلگىنىڭ ئوخشىمىغان كەڭلىكتە، ئوخشىمىغان يۆنىلىشتە يۆتكىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ بەشىنچىدىن، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقىدىكى ماقالىلەرنى ھەرپ قىستۇرۇپ تەھرىرلىگەندە، قىستۇرۇلغان ھەرپنىڭ ئوڭ، سول تەرىپىدىكى ھەرپلەرگە قاراپ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەينى چاغدا پۈتۈن دۇنيادا كەڭ قوللىنىلىۋاتقانDos مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئائىت ماتېرىياللار ئاساسەن ئىنگلىزچە بولغاچقا، ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات قوشۇنىدىكىلەرنىڭ يولىنى ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئىبارەت يەنە بىر ‹‹ئېگىز تاغ›› توسۇپ تۇراتتى. دېمەك، بۇ تەتقىقات تېمىسى ئەينى چاغدىكى ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىق كۈچىگە نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە قىيىن ھەم مۇرەككەپ بىر ئىش ئىدى. ھەممىدىن يامىنى بۇ ساھەدە ئۇلار ئۈلگە ئالغۇدەك ھېچقانداق ئۆرنەك بولمىغان شارائىتتا، قىيىنلىق دەرىجىسى بۇنچە چوڭ ئىشقا تۇتۇش قىلىش خۇددى قاراڭغۇ كېچىدە قېلىن ئورمانلىقتىن يول تېپىپ ماڭغاندەك تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر جەريان ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ بۇ يولدىن قايتىشىمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى، نېمىلا دېگەن بىلەن ‹‹جىم ياتقان يولۋاسنىڭ بېشىنى سىلىغان››مۇ، كۆپنىڭ ئالدىدا بۇ ئىشنى مەن قىلىمەن، دەپ مەيدىسىگە مۇستلاپ چىققان ‹‹نوچى››مۇ باشقا بىرسى ئەمەس دەل ‹‹كومپيۇتېر›› ئاتلىق ‹‹چىن چاپلاشقان›› ھوشۇر ئىسلامنىڭ ئۆزى ئەمەسمىدى؟! ئۇ ئەمدى ئەل – جامائەت ئالدىدا قايسى يۈزى بىلەن ‹‹بۇ ئىشنى قىلالمىغۇدەكمەن›› دېيەلەيدۇ؟! دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹چېكىنىش يولى››نى ئۆزى ئاللىقاچان ئۈزۈپ تاشلىغان بولۇپ، مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭغا پەقەت بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن ئالدىغا قاراپ مۈدۈرۈپ – چوقۇرۇپ مېڭىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. ‹‹ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك›› دېگەندەك، بۇ ساھەدىكى خەنزۇچە ماتېرىياللانىڭمۇ ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇشى ئۇنى ياش 40 تىن ئېشىپ 50 كە قاراپ ياماشقاندا، پەرزەنتىلىرى ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، ئامالسىز ئىنگلىزچە ئۆگىنىشكە مەجبۇر قىلدى. تەتقىقات بىلەن تىل ئۆگىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ‹‹چوڭ تاغ›› ئۇنىڭ يەلكىسىدىن تەڭلا بېسىۋالغاچقا، ئۇ بىر كۈندىكى 24 سەئەت ۋاقىتنى تولىمۇ ئاز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى...

      خەيرىيەت، ئىككى ئايدىن كۆپرەك كېچە – كۈندۈز دېمەي كومپيۇتېر ئېكرانىغا مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇپ ئىشلەش ئارقىلىق ھوشۇر ئىسلام ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىق ئۇچۇرلىرىنى Dos مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش ۋە تەھرىرلەش جەھەتتە دەسلەپكى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ دەسلەپكى ئىزدىنىش مېۋىلىرى دەرھال شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى. 1984 – يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا 110 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىپ، بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

      ئارىدىن توپتوغرا 18 ئاي ئۆتكەندە، ئۇنىڭ مەسئۇللۇقى ۋە رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان Dos مەشغۇلات سىستېمىسىدا ‹‹ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، يەككە ھەرپلەرنى سولدىن ئوڭغا بىر يۆنىلىشتە ئوخشاش كەڭلىكتە بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى›› ئاساسىدا ‹‹ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ئۇلانما ھەرپلەرنى قوش يۆنىلىشتە ئارىلاشما بىر تەرەپ قىلىدىغان، ھەرپلەرنى ۋە كەڭلىكنى ئاپتوماتىك تاللايدىغان، نۇر بەلگىنى خالىغان كەڭلىكتە قوش يۆنىلىشتە باشقۇرغىلى بولىدىغان، كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى››نى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك پەن تەتقىقات نەتىجىسى ئاخىر يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى. بۇ نەتىجە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا زور زىلزىلە ۋە داغدۇغا پەيدا قىلدى. ‹‹ھوشۇر ئىسلام›› دېگەن بۇ مۇبارەك ناممۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. كېيىنچە نۇرغۇن كىشى كومپيۇتېر تىلغا ئېلىنسا، ئىختىيارسىز ھوشۇر ئىسلامنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان بولۇشتى. بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى 1986 – يىلى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەينى چاغدىكى شۇجىسى سۇڭ خەنلياڭ ‹‹بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار قورالنى ئۆز تىل – يېزىقىدا ئىشلىتىش دەۋرىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ›› دەپ يۇقىرى باھا بەردى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى تۆمۈر داۋامەت بولسا، تولىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا ‹‹بۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنتەنە قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر بايرام بوپتۇ›› دېدى. شۇ يىلى 6 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئەينى چاغدىكى زۇڭلىسى لى پېڭ ھوشۇر ئىسلامنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ: ‹‹بۇ، ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ئىشلىرىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە بوپتۇ›› دەپ باھا بەردى ھەم ھوشۇر ئىسلامنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللىنىشچان پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

      ئالقىش، مەدەت، ئىلھاملار ھوشۇر ئىسلامنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەسىپداشلىرىغا داۋاملىق ‹‹ئاتامان›› بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىق ئۇچۇرلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە كېيىنچە يەنە Linux مەشغۇلات سىستېمىسى ھەم بۇ مەشغۇلات سىستېمىلىرى مۇھىتىدىكى بارلىق ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتالغا، شۇنداقلا سۈنئىي ھەمراھ تورى، ئىنتېرنېت تورى، ھۆكۈمەت تورى، يىراقتىن ئوقۇتۇش قاتارلىقلارغا تەدبىقلاش ۋە قوللىنىشنى دادىل سىناق قىلىپ، 20 نەچچە يىل مابەينىدە 30 خىلدىن ئارتۇق بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاخبارات – نەشرىياتچىلىق، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئۇچۇر – ئالاقە، تور، رادىيو – تېلېۋىزىيە، مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى بىمالال ئىشلىتىش جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇلار ئارقىلىق يارىتىلغان بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئىقتىسادىي قىممەت 125 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر