باش بەت | ئەترەت پائالىيەتلىرى

ئىتتىپاقلىق ياشنىسۇن

      3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 44 – باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەترەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ مەكتەپتە كەلدىم. مەكتەپ قورۇسى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ ئۇيغۇر، خەنزۇ ساۋاقداشلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئويناپ يۈرگىنى كۆزۈمگە ئالاھىدە چېلىقتى.

      – ئەترەت پائالىيىتى قايسى سىنىپتا ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ – دەپ سورىدىم چىرايلىق ئۇسسۇل كىيىمى كىيىۋالغان قىزچاقتىن.

      – 4 – قەۋەتتىكى چوڭ زالدا، سىزمۇ پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەپسىز – دە! بۈگۈن ۋاڭ يەننا ھەدىمىز كېلىدۇ، – دېدى ئۇ قىز. قوڭغۇراق چېلىندى. ئۇ مەن بىلەن خوشلىشىپ چاقماق تېزلىكىدە سىنىپقا كىرىپ كەتتى.

      پائالىيەت زالىغا كىرسەم زال ئىچى پىيونېرلار، ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلار بىلەن لىق تولغانىكەن. ھەربىر پارتىدا بىر جۈپ قوشماق پىيونېر ئولتۇرغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە بولغان قىزغىن مۇئامىلىسدىن يېقىن دوستلار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

      ‹‹كەلدى، ۋاڭ يەننا ھەدىمىز كەلدى!››... ۋاڭ يەننا ئىشىكتىن كىرىشىگە پىيونېرلار قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئۇنى قارشى ئالدى. رىياسەتچىلەر 4 – يىللىق 1 – سىنىپ بىلەن 4 – يىللىق 4 – سىنىپ قوشماق ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ ‹‹ھەممىمىز بىر ئائىلە» ناملىق ئەترەت پائالىيىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئارقىدىن قوشماق پىيونېلار ‹‹ۋەتىنىمنى سۆيىمەن›› دېگەن شېئىرىنى ناھايىتى جانلىق دېكلاماتسىيە قىلدى. ئىككى پىيونېر سەھنىگە چىقىپ ۋاڭ يەننا ھەدىنى زىيارەت قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ راۋان خەنزۇ تىلىدا ۋاڭ يەننادىن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ قانداق ھېسسىياتقا كەلگەنلىكىنى سورىدى. ۋاڭ يەننا: ‹‹مەن ئۇيغۇر ساۋاقداشلارنىڭ خەنزۇ تىلىدا ناھايىتى راۋان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، قوشماق دوستىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. يارايسىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈلىنى تېخىمۇ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇڭلار!›› دېدى.

 
سۈرەتتە: قوشماق پىيونېرلار رەسىم سىزماقتا.

      پائالىيەت رەڭدار سەنئەت نومۇرلىرى، قىزىقارلىق ئويۇنلار بىلەن داۋاملاشماقتا. پىيونېرلار ‹‹مېنى تەسىرلەندۈرگەن ئادەم›› دېگەن ماقالىنى ئوقۇغاندا زال ئىچى جىمجىتلىققا چۆمۈپ، لېي فېڭ، ۋاڭ يەننا، ئالىم خالىق، غېنى جۈمەلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر پىيونېرلار خەنزۇ پىيونېرلارغا بىرنەچچە ئېغىز ئۇيغۇرچە سۆز ئۆگىتىپ قويدى. پەرزەنتلىرىدىن سۆيۈنگەن ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسياتىنى بايان قىلدى.

      پائالىيەت ئاخىرىدا قوشماق پىيونېرلار بىرلىكتە رەسىم سىزدى. مەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاق بولسا قەلبىمىزدە سۆيگۈ بولىدۇ›› دېگەن رەسىمنى چىرايلىق سىزغان 4 – يىللىق 1 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى كەۋسەرئاي بىلەن 4 – يىللىق 4 – سىنىپ ئوقۇغۇچىسى خۇي شاۋپىڭنى زىيارەت قىلدىم. بۇ بىر جۈپ قوشماق پىيونېر ماڭا تەسىرلىك دوستلۇق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

      پائالىيەت پىيونېرلارنىڭ ‹‹بىر ئائىلە›› دېگەن خورى بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن بىر – بىرىنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىشىۋاتقان، قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئاتا – ئانىلارغا، قول تۇتۇشۇپ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا جور بولۇۋاتقان قوشماق پىيونېرلارغا قاراپ ئىتتىپاقلىقنىڭ گۈزەل مىلودىيەسىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.

  مۇخبىرلىرىمىز قەلبىنۇر قاھار خەۋىرى، ئايشەمگۈل جاپپار فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر