باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

بەخىت كېلىدۇ نەدىن، پېشانەڭدىن تەردىن

      باھارنىڭ ئىللىق شامىلىغا ئەگىشىپ ‹‹1 – ماي›› خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى يېتىپ كەلدى. ئەمگەك ئىنسانىيەتنى ياراتقان، تارىخنى ياراتقان، پارلاق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى ياراتقان.

      باھاردا دەرەخلەر كۆكىرىپ، رەڭگارەڭ چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ، يۇمران مايسىلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ كائىنات ئاجايىپ چىرايلىق ياسىنىدۇ. دېھقان تاغىلارنىڭ خۇشال چېھرىدە، چوڭقۇر قورۇق باسقان يۈزلىرىدە، كۆزلىرىدە ئۈمىدۋارلىق، بەخت پارلايدۇ. ئۇلار ئېتىزدا قان – تەر ئاققۇزۇپ بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ ئەمگەك مېۋىسىنى يارىتىدۇ.

      ئىللىق ئائىلىمىزگە قايتقىنىمىزدا، يۇمشاق كارىۋاتتا راھەتلىنىپ ياتقىنىمىزدا بۇلارنىڭ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ مەكتەپتە بىلىم تەشنالىقىمىزنى قاندۇرغىنىمىزدا بۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئەجىر ۋە مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ باغچىدا سەيلە قىلغاچ ھەربىر تۈپ دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھلاردىن ھۇزۇرلانغىنىمىزدا ئۇلارغا قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتۇقمۇ؟ سودا سارايلىرى، بازارلاردىكى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ماللارنى كۆرگىنىمىزدە ئۇلارنىڭ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ تىنىمسىز مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ئېسىمىزگە ئالدۇقمۇ؟

      ئەمگەك بۈگۈنكىدەك كۆككە تاقاشقان بىنالارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، ئەمگەك زامانىۋىلاشقان تېز سۈرئەتلىك يوللارنى بەرپا قىلغان، ئەمگەك يەر شارىنى بىر كەنتكە ئايلاندۇرغان، ئەمگەك قاقاسلىقلارنى سالا – سالا ئېتىزلارغا ئايلاندۇرغان.

      يەنە بىر ئەمگەكچىلەر بايرىمى كېلىش ئالدىدا بىز ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر سالايلى، ئەمگەك خۇشاللىقىدىن بەھرە ئالايلى، ئەمگەكچىلەرنىڭ بەختىگە ئورتاقلىشايلى!

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر