باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹ئات توپى›› ئويۇنى

      ‹‹ئات توپى›› ئويۇنى ئادەتتە ‹‹چەۋگەن››، ‹‹چاۋغان››، ‹‹توپۇق توپ››، ‹‹چىمەنلىك توپى››، ‹‹چۆگۈن›› قاتارلىق ناملاردىمۇئاتىلىپ، تۈركىي خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ياشاش شارائىتىغا زىچ ماسلاشقان، ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى بار ئات ئۈستى ئويۇنىدۇر.

      مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان تۈركىي خەلقى ئەزەلدىن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئات مىنىش، چوماق تۇتۇپ ئوۋ قىلىش، ئات چاپتۇرۇش، ئوغلاق تارتىشىش، ئات ئۈستىدە ماھارەت كۆرستىش قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ قان ــ قېنىغا سىڭىپ كەتكەن. چوڭلارنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى ئاستا ـ ئاستا بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ سەبىي كۆڭلىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان. بۇنىڭ بىلەن بالىلارمۇ ‹‹ئات توپى›› ئويۇنى ئويناشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ئويۇن ئادەتتە ياز، كۈز پەسىللىرىدە ئوغۇللار ئوينايدۇ، ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار ئون ئەتراپىدا بولىدۇ. بالىلار ئويۇن سورۇنى قىلىپ بېكىتىلگەن چىملىق ياكى ئازادە مەيدانلارغا توپلانغاندىن كېيىن، بەشتىن ـ بەشتىن ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىدۇ. ئويۇنغا قاتنىشىشتىن ئاۋۋال ياغاچ ئات، چوماق شەكىللىك كالتەك، ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ قاتتىق ياغىچى ياكى كۆندىن ياسالغان توپ قاتارلىق ئويۇنچۇقلارنى تەييارلىۋالىدۇ.

      ‹‹ئات توپى›› ئويۇنى مەيداننىڭ ئۇزۇنلۇقى 150 ــ 200 مېتىر، كەڭلىكى 60 ـ 80 مېتىر ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ. مەيداننىڭ ئەتراپىغا چىگرا سىزىقى سىزىلىدۇ. تارىختا بۇ سىزىق ‹‹تاسال››، ئوينىلىدىغان توپ ‹‹توپۇق›› دەپ ئاتالغان. ئىككى تەرەپكە قاپقا باققۇچى قويۇلۇپ، مەلۇم ئۇزۇنلۇقتا شوينا ياكى ئارغامچا تارتىپ قويۇلىدۇ. ئويۇن باشلانغاندا، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بالىلار تال چېۋىقتىن چوڭراق تاياقچىدىن ياسىۋالغان ‹‹ياغاچ ئات››قا مىنگەن ھالدا توپنى بايىقى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ قاپىقىغا كىرگۈزىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ قاپىقىغا توپنى كۆپ كىرگۈزگەن تەرەپ غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلاردا ئاتا ــ بوۋىسىنىڭ ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئېسىل مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ؛ بالىلارنى كىچىكىدىن ھەر ئىشقا قابىل، تەلەپچان، قەيسەر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئۈندەيدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: مېھراي