باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

مېنىڭ دادام

      مەرھابا كامىل

      مېنىڭ دادام ئېگىز بويلۇق، قەددى ــ قامىتى كېلىشكەن، ئاقكۆڭۈل ئادەم.

      دادام ئەدەپ ــ ئەخلاقلىق بولۇپ، گېپى يۇمشاق، چىقىشقاق، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلەتتى. شۇڭا باشقىلارمۇ دادامنى بەكمۇ ئىززەتلەتتى. دادام باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلەتتى، بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇ يەنە ئۇكام ئىككىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە تاپشۇرۇق ئىشلىشىمىزگە ياردەملىشەتتى. باشقىلار بىلەن بىللە دەرس تەكرارلىشىم ئۈچۈن قىش، ياز دېمەي مېنى ئاپىرىپ قويۇپ، يەنە ئالغىلى كېلەتتى.

      دادام ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىكى بىر كۈن، ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈن ئىدى. مەن مەكتەپتىن قايتىپ تاپشۇرۇق ئىشلىدىم. بىر نەچچە مەسىلىنى پەقەت چۈشىنەلمىدىم، شۇ چاغدا دادام ئىشىكتىن ئارانلا كىردى ۋە مەندىن: ‹‹چۈشىنەلمىگەن دەرسىڭىز بارمۇ؟›› دەپ سورىدى. مەن تولۇق ئىشلىدىم دەي دېسەم، دادامنى ئالداشنى خالىمىدىم ــ دە، ئىلاجىسىز بار دېدىم. دادام ئىشتىن شۇنچە ھېرىپ كەلگەنلىكى، مىجەزىنىڭ يوقلىقى ۋە تاماق يېمىگەنلىكىگە قارىماي، مېنى ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىگە ئاپاردى.

      شۇ ئىش ئۆتۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن دادامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ دوختۇرخانىدا ياتماقچى بولدى. ئاپام دادامنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ماڭىدىغان چاغدا، دادام ئۇكام ئىككىمىزنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ: ‹‹بالىلىرىم، ياخشى ئوقۇڭلار، مېنىڭ سىلەردىن كۈتۈدىغان ئۈمىدىم شۇ›› دېگەنىدى.

      بۇ سۆز دادامنىڭ بىزگە قىلغان ئاخىرقى سۆزى بولۇپ قېلىشنى كىم بىلسۇن، نىجىس كېسەل بىزنى دادامدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى.

      مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ، دادام ياتقان كارىۋاتقا قاراپ يىغلىدىم ۋە ئىچىمدە: ‹‹دادا، مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، ئۈمىدىڭىزنى ئاقلايمەن›› دېدىم.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر