باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

100 يىلدىن كېيىن

      100 يىلدىن كېيىنكى كىشىلەرنىڭ ئىگىلىگەن پەن – تېخنىكا بىلىملىرى ئىنتايىن مول بولغاچقا تۇرمۇشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

      100 يىلدىن كېيىنكى يازلىق تەتىلدە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئاي شارىغا يەتتە كۈنلۈك ساياھەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. 100 يىلدىن كېيىن ئىنسانلار تاشقى پلانېتالاردا نورمال تاماق يېيەلەيدىغان بولىدۇ. ئاي شارى، مارس پىيادە ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ بىرىنچى نىشانى بولۇپ قالىدۇ. قاراڭ، ئاۋۇ 1969 – يىلى تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى ئامىستىردامنىڭ ئاياغ ئىزى. ئىنسانلار ئاي شارىدا مۇزېي قۇرۇپ ئاي شارىنى تەكشۈرۈشتە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىنى نامايان قىلىدۇ.

      100 يىلدىن كېيىن ئىنسانلار يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدۇ. بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن زور خۇش خەۋەر.

      يەر تەۋرەش ئاپىتى بىلەن ئىنسانلار دېڭىز شاۋقۇنى، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يەر تەۋرەش يەر ئاستىدىكى تاش قاتلىمىنىڭ يېرىلىشى، سىلجىشىدىن شەكىللىنىدۇ. 100 يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ بۇ خىل تەبىئەت ھادىسىسىنى توسۇپ قالالىشى ناتايىن، ئەمما ئۇزاق يىللىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلار يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىپ يەر تەۋرەشنى ئالدىن بىلەلەيدىغان ئەسۋاب ياساپ چىقىدۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن غايەت زور رول ئوينايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر