باش بەت | پىسخىكا

پەرزەنتلەردە ھەققانىيلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش

       ھەقىقەت — ئېتىقاد ۋە ئۈمىدلىرىمىزنىڭ مەنبەسى؛ ھەقىقەت ھەرقانداق مۇساپىگە پىسەنت قىلمايدۇ. ئۇنى ھېچبىر چېگرا توختىتالمايدۇ.

— ئا باربيۇس     

      بالىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ. بەزى بالىلار كىچىكىدىن باشلاپلا يولسىزلىققا، ناھەقچىلىققا (ئۆزى ناھەق دەپ تونۇغان ئىشلارغا) چىدىمايدۇ. جاھىللىق بىلەن ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. بەزى بالىلار گولراق بولىدۇ، ئازراق ئالدىسىلا ئوڭاي ئەل بولۇپ كېتىدۇ بۇ خىل ئوخشاشمىغان ئالاھىدىلىكنى كىشىلەر ئالدىنقىسىنى يامان خاراكتېرگە، كېيىنكىسىنى ياخشى خاراكتېرگە يېتەكلەيدۇ. بىلىش كېرەككى، بالىلاردىكى يۇقىرىقىدەك ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىك ھەرگىز خاراكتېر ئەمەس، بەلكى ئۇ بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزى، ئەمما بۇ خىل مىجەز تەرەققىي قىلىپ كېيىن مۇكەممەل خاراكتېرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر ئاساسى بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدىن بالىلاردىكى جاھىللىقنىڭمۇ ئىجابىي تەرىپى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ئىلمىي پەرۋىش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسە، ھەق – ناھەق، ياخشى – ياماننى توغرا پەرق ئېتەلىسە، تۇرمۇشىنى، ھاياتىنى ياخشى چۈشەنسە كۈچلۈك خاراكتېرگە ئايلىنىدۇ. بىزنىڭچە، نادان ئادەمنىڭ مۇكەممەل خاراكتېرى بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، بۇ مەسىلىدە پەرزەنتلەرنىڭ نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئاساسىي مەسىلە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتلەر ئۆزى ھەق – ناھەق دەپ قارىغان ئىشتا ئۆزىنى قانداق تۇتۇشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، بالىلارغا بۇ نۇقتىدا شۇنداق تەلەپ قويۇش كېرەككى، ھەتتا سىزنىڭ خاتا، ناھەق بولىدىغان بولسا، جۈرئەتلىك ھالدا ئىنكار قىلالايدىغان، ئەگەر سىزنىڭ دۈشمىنىڭىزنىڭ ھەق بولىدىغان بولسا، قوللىيالايدىغان بولسۇن. ئۇلارنى يەنە ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق بىر ئىشتا ناھەقچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە دەرھال كۆكرەك كېرىپ، ئادەتسىزلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

       پەرزەنتلەردە ئوخشاشمىغان ئىندىۋاىدۇئال پىسخىك ئالاھىدىلىك بولىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسى بەك كۈچلۈك، ئۇلار ناھەقچىلىققا قەتئىي چىدىمايدۇ، ئۆزى ياكى ساۋاقداشلىرى ناھەقچىلىققا ئۇچرىسا دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەتتا بەزى بالىلار بۇنداق چاغدا ھەرقانداق سالاغا پىسەنت قىلمايدۇ. يەنە بىر قىسىم بالىلار بار، ھەرقانچە ناھەقچىلىققا ئۇچرىسىمۇ ئىنكاس بىلدۈرمەيدۇ ياكى سۈكۈتتە تۇرۇشقا ئۆزىنى مەجبۇرلايدۇ، جەمئىيەتتە دۇچ كەلگەن ناھەقچىلىقلارغا بىپەرۋا قارايدۇ ياكى كارى بولماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئېغىر – بېسىقلىقى ياكى يەڭگىلتەكلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. بۇ قاراش خاتا. ھەق – ناھەق مەسىلىسىگە نىسبەتەن تۇتقان مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتتە ھەرگىز مىجەزدىكى ئېغىر – بېسىقلىق ياكى يەڭگىلتەكلىكنى ئۆلچەم قىلمايمىز. بۇنى بىز خاراكتېرنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى تەرەپتىن باھالايمىز. بەزى ئاتا – ئانىلار نۇرغۇن پىرىنسىپاللىق مەسىلىلەردە پەرزەنتىنى ئىنتايىن قاتتىق باسىدۇ، پەرزەنتلەرگە قەتئىي ئىتائەتمەن بولۇش، شەرتسىز بويسۇنۇش، بۇيرۇقىغا ئىنكاس قايتۇرماسلىق، خىلاپلىق قالماسلىق تەلىپىنى قويىدۇ. چوڭلارنىڭ، باشقىلارنىڭ، مۇئەللىملەرنىڭ سۆزلىرىنى چوقۇم ئاڭلاش، نېمە دېسە شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. پەرزەنتلەردە قارشىلىق ئىپادىسى كۆرۈلۈپ قالسا ئۇرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل پەرزەنتلەرنى سېپى ئۆزىدىن ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. ئالگېرى دانتى ھەق – نەھەق تۇيغۇسى ئاجىز، خاراكتېرسىز كىشىلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «دوزاخنىڭ ئەڭ دەھشەتلىك جايلىرى بۈيۈك مەنىۋىلىكنى سىنايدىغان مىنۇتلاردا بىتەرەپ تۇرىدىغان ئادەملەرگە قالدۇرۇلغان.» شۇنى بىلىش كېرەككى، يامانلىققا، ناھەقچىلىققا قارشى تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بالىلاردا خاراكتېرمۇ يوق، ئېتىقادمۇ يوق، ئۆزىمۇ يوق.

 

مەنبە: پەرزەنت تەربىيەسىدىن تەھرىر: قەلبىنۇر