باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

ھايۋانلار چۈش كۆرەمدۇ

      ئادەملەر چۈش كۆرىدۇ، ئۇنداقتا ھايۋانلارچۇ؟ ھايۋانلارمۇ چۈش كۆرەمدۇ؟ بۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بىر مەسىلە.

      ئادەملەر ئۇخلىغاندا نېرۋا سىستېمىسى يۈكسەك يورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، سىرتقى دۇنيانىڭ سەل - پەل غىدىقلىشى چوڭ مېڭىگە يېتىپ بارالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر تاشقى دۇنيانىڭ غىدىقلىشىغا ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ. لېكىن ئەمدىلا ئۇخلاشقا باشلاپ قاتتىق ئۇخلاپ كەتمىگەندە ياكى ئەمدىلا ئويغىنىپ تولۇق ئويغىنىپ بولالمىغاندا، ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى غىدىقلىنىش چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈلىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر چۈش كۆرىدۇ.

      چۈش كۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ ھادىسىگە ئاساسەن، بەزىلەر ھايۋانلارنىمۇ چۈش كۆرىدۇ دەپ پەرەز قىلغان.

      ئامېرىكىلىق ۋە برازىلىيىلىك ئۈچ نەپەر ئالىم ئۈچ پەنجىلىك لېنىۋېتسنىڭ ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل پەرەزنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئۈچ پەنجىلىك لېنىۋېتس ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن كۆپرەك چۈش كۆرىدىكەن. بىراق ئۇنىڭ چۈش كۆرۈشى ئاران سەككىز مىنۇتقا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۈچ پەنجىلىك لېنىۋېتسنىڭ چۈشى بەك قىزىقارلىق بولماسلىقى مۇمكىن.

      ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارمۇ چۈش كۆرىدىكەن. بەزىلەر ھەتتا قۇرت - قوڭغۇز، ھاشاراتلارمۇ چۈش كۆرىدۇ، دېيىشمەكتە.

      بەزىلەر بۇنىڭغا ئاساسەن، يۈرەكلىك ھالدا ئادەملەر چۈش كۆرگەنكەن، ھايۋانلارمۇ ئادەملەرگە ئوخشاش چۈش كۆرىدۇ دەپ قارىغان. ئۇنداقتا، ئادەملەر تۈن سەيلىسى قىلسا ھايۋانلارمۇ تۈن سەيلىسى قىلامدۇ؟ ئادەملەر جۆيلىسە، ھايۋانلارمۇ جۆيلۈمدۇ؟ ھازىرغا قەدەر ھايۋانلارنىڭ جۆيلۈيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ باققان ئادەم يوق. بۇ بەلكىم ئىنسانلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ھايۋانات تىلىنىڭ سىرىنى يېشىپ بولالمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ھايۋانلارنىڭ جۆيلۈيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان ئادەم چىقىپمۇ قالار.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان