باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق ئەترەت خىزمىتىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرايلى

      پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. تەربىيەچىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى قانداق چۈشىنىدۇ؟ قانداق قىلغاندا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئەترەت تەربىيەسىنىڭ بارلىق جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەترەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەترەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە بىز ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بىلەن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇلاھىزىچى خۇا ياۋگونىڭ بۇ توغرۇلۇق سۆھبىتىنى سەمىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

      مۇھەررىر: پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن كۆپچىلىك يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى كىشىلەر مۇلاھىزە قىلىدىغان قىزىق تېمىغا ئايلاندى. خۇا ياۋگو مۇئەللىم، سىز بۇنىڭ مەنىسىنى قانداق چۈشىنىسىز؟

      خۇا ياۋگو: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ماركسىزملىق يېتەكچى ئىدىيە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ ئورتاق غايىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى مەركەز قىلغان دەۋر روھى، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشى قاتارلىق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۆت تەرەپ ئايرىم – ئايرىم جەمئىيەتتە بىرلىككە كەلگەن يېتەكچى ئىدىيە، ئورتاق غايە ئېتىقادى، كۈچلۈك روھىي تۈۋرۈك ۋە ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. مېنىڭچە تەربىيەچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇش ئەترەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىدىيەۋى ئالدىنقى شەرت.

      مۇھەررىر: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ ئەترەت خىزمىتىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ۋەزىپىسى، ئەترەت تەربىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئاساسى. پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

      خۇا ياۋگو: سوتسىيالىستىك يادورلۇق قىممەت سىستېمىسىنىڭ ئىچكى تەلىپى ئۆسمۈر – بالىلارنى ئادەم بولۇش، ئىش قىلىش پىرىنسىپىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش. ئۆسمۈر – بالىلار دۇنيا قاراش، كىشىلىك قاراش، قىممەت قارىشى ئەمدىلا يېتىلىۋاتقان باسقۇچتا تۇرغاچقا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايە ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشى شەكىللەندۈرۈشنى چوقۇم بالىلىق دەۋردىن باشلاش كېرەك.

      مۇھەررىر: تەربىيەچىلەر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق ياش – ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلىگەندە ئالدى بىلەن ئۆزى ‹‹ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي بىلىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىش››تە چىڭ تۇرۇشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە سىزنىڭ قانداق ياخشى تەكلىپىڭىز بار؟

      خۇا ياۋگو: بىز ئۆگىنىشچان تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇشنى دائىم تەكىتلەۋاتىمىز. قۇرۇشتا پەقەت خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى، شۇنداقلا مەركىزىي خىزمەتنى مۇھاكىمە قىلىشقىلا ئەھمىيەت بەرمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىشنى تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. ھازىر ئەترەت دەرسى تەسىس قىلىشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسسىنى ئوقۇشلۇق، پائالىيەت، كاللىغا كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

      مۇھەررىر: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق ياش – ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلەشنىڭ يادروسى ياش – ئۆسمۈرلەرنى پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى نەزەرىيە ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش. سىزنىڭچە يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدا پىيونېرلار ئەترىتىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايە تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشتا قانداق ياخشى ئۇسۇللار بار؟

      خۇ ياۋگو: مېنىڭچە تەربىيەچىلەر ‹‹12 – بەش يىللىق›› پىلاننىڭ يولغا قويۇلىشى، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، ئىتتىپاق قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش قاتارلىق چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قاتلامغا ئايرىپ جانلىق، تەسىرلىك ۋەزىيەت تەربىيەسى، دۆلەت ئەھۋالى تەربىيەسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەربىيەسى، دۆلەت مۇداپىيە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلابلىرى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھات تارىخىنى ئۆگىنىشكە، پىيونېرلارنى پارتىيەنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تۈپ پىرىنسىپى، ئۇلۇغۋار بۇرچى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭىدىغان غايە ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇش كېرەك.

      مۇھەررىر: ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھى تەربىيەسى، شۇنداقلا ئەترەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. تارىخىي تۇيغۇ ۋە دەۋر تۇيغۇسىنى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈش، دەۋر پۇرىقىنى نامايان قىلىش بۇ جەھەتتىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى.

      خۇا ياۋگو: شۇنداق. بۇ تۈرلۈك پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ ماسلىشىشى كېرەك. جياڭسۇ ئۆلكىسى يېقىندا ‹‹ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى قولغا كەلتۈرۈش، بىرىنچى بولۇش ئۈچۈن ئىنتىلىش، ئالدىدا مېڭىش، باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەش››تىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى جياڭسۇ روھىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆلكىدىكى ئەترەت تەشكىلاتلىرى ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار جياڭسۇ روھىنى ئىزدەش ۋە يوقلاپ بېرىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا پىيونېرلارنى ‹‹ئۈچ يارىتىش، ئۈچ ئالدىدا›› روھىغا ئىگە ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى ئىزدەپ يوقلاپ بېرىپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ھەققىي ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، جاپاغا چىداپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى ئۇرغۇتتى، بۇ پائالىيەت ھەم رايون ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.

      مۇھەررىر: ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىلللاشتۇرغاندا ‹‹ياش – ئۆسمۈرلەردە ھەققانىي، ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، مېھرىبان بولۇشتەك ئاساسىي ئەخلاق ئىدىيەسى››نى يېتىلدۈرۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بۇنى سىز قانداق چۈشىنىسىز؟

      خۇا ياۋگو: ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمى بىر دۆلەتنىڭ ئاساسىي قىممەت يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئەمىن بولۇشىنىڭ زۆرۈر شەرتى، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنىڭ ئەخلاق جېنى. پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئىلمىي ھالدا قاتلامغا ئايرىلغان ئەترەتنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

      مۇھەررىر: 2002 – يىلى ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئىدىيە — ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››نى، 2005 – يىلى مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ‹‹تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمەت پروگراممىسى (سىناپ يولغا قويۇلىدۇ››نى ئېلان قىلىپ، ئەترەتنىڭ ئەخلاق تەربىيەسىنى قاتلامغا ئايرىپ تەربىيەلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىزنىڭچە ئەترەت ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلى نېمە؟

      خۇا ياۋگو: ئەمەلىيەتنى ھېس قىلىش ئەڭ مۇھىم. بۇ ئەترەت تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي ئۇسۇلى.

      مۇھەررىر: يېڭى دەۋردە ئەترەتنىڭ ھېس قىلىش تەربىيەسى مەيلى مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، پىيونېرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى كېرەك.

      خۇا ياۋگو: ھەقىقەتەن شۇنداق. بىز چوقۇم بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ ماسلىشىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا نامرات كىچىك ھەمراھلار، يېتىم – يىسىر بالىلار، مېيىپ بالىلارغا ياردەم بېرىپ، كۆچمە ۋە بېقىشقا ھاۋالە قىلىنغان بالىلار قاتارلىقلارنىڭ پائالىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، پىيونېرلارنىمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە، كۈچىنىڭ يېتىشىچە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا، مېيىپلارغا ياردەم بېرىپ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، قىيىنىچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش ‹‹مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقىمۇ يېتەكلىسە بولىدۇ. ھەر خىل تىپتىكى ‹‹ئەخلاق ئورنى››، ‹‹مۇلازىمەت ئورنى››نى قۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قىزىل گالىستۇكلۇقلار پىدائىيلار ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹خەلقنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا›› دەيدىغان يۈكسەك غايىنى تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

      مۇھەررىر: ئاساسىي ئەخلاقنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشتا نورماللىققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 2011 – يىلى 11 – ئايدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى لېي فېڭ باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، لېي فېڭ ئۇتتۇرا ئەترىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋۇشى شەھىرىگە يىغىلىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى دائىم ئېلىپ بېرىش، دائىم يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلدى، ئۇلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئالاھىدە كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ.

      خۇا ياۋگو: تەربىيە ئەمەلىيەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى: سوتسىيالىستىك شەرەپ – نومۇس قارىشى تىكلەش ۋە يولغا قويۇشتا ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارغا ئۆلگە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چۈنكى ئۆسمۈر – بالىلار ئاۋانگارات نەمۇنىچى شەخسلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ. بىز بالىلارنىڭ بۇنداق پاك ھېسسىياتىنى قەدىرلەپ، ئۇلارنى ئاۋانگارات نەمۇنىچى شەخسلەرگە يېقىنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئاۋانگارات نەمۇنىچى شەخسلەر ئەكس ئەتتۈرگەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئاۋانگارات نەمۇنىچىلارنىڭ شەرەپلىك ئىشلىرىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.

      مۇھەررىر: ھەرقايسى جايلاردا قانات يايدۇرۇلغان ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلارنىڭ زىيارىتى›› يۈرۈشلۈك پائالىيىتىدە پىيونېرلار داۋاملىق تۆھپە قوشۇۋاتقان ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى زىيارەت قىلىپلا قالماي ‹‹ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى››، ‹‹ئەڭ گۈزەل جۇڭگولۇق››نى زىيارەت قىلدى، ئەۋرەز يولى ئىشچىلىرى، پوچتالىيون، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ماشىنا ئەترىتى قاتارلىق ئەتراپىدىكى ئاددىي ئەمگەكچىلەرنى زىيارەت قىلدى. ‹‹ئەمگەك نەمۇنىچىسىدىن ئۆگىنىپ، كىچىك ئىشتىن باشلاپ، ئەڭ ياخشى ئادەم بولۇش›› پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتتىن كېيىن يازغان تەسىراتلىرى بولۇپ ئادەمنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

      خۇا ياۋگو: ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ئاساسىي ئەخلاق قارىشىنى يېتىلدۈرۈشتە يەنە مۇنەۋۋەر پىيونېرلار، ئىلغار ئەترەت كوللېكتىپى قاتارلىق تىپلارنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئەتراپىدىكى ئىلغار شەخس ۋە ئىش ئىزلاردىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى كېرەك.

      ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئەترەت خىزمىتىنىڭ بارلىق جەريانىغا، ھەرقايسى ساھەسى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسى بىلەن ئۆسمۈر – بالىلارنى تەربىيەلەشتە چىڭ تۈرغاندا پىيونېرلار ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە، ئەخلاقى ئېسىل، ساپاسى يۇقىرى يېڭى بىر ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر