28 ــ ئاپرېل يەكەن ناھىيەسى ئازادباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ‹‹1 - ماي›› خەلقئارالىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ۋە ‹‹4 ــ ماي›› ياشلار بايرىمىنىڭ 93 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مول مەزمۇنلۇق يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئازادباغ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە باشقا ئىدارە - ئورگان رەھبەرلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پائالىيەت باشلىنىشى بىلەن رەھبەرلەر ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى بايرامنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى چۈشەندۈردى. ئاندىن ئوقۇغۇچىلار بايرامغا ئاتاپ تەييارلىغان ۋەتەن - خەلقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەيدىغان، ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سەرخىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. پائالىيەتكە 1000گە يېقىن ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئامما قاتناشتى. ئاخىرىدا نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان شەخس ۋە كوللېكىتپلار ئۈچ دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلاندى.
ئومەرجان ئوبۇل خەۋىرى، فوتوسى