باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

شەرەپلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى

      ‹‹بىز ماي ئېيىنىڭ گۈللىرى، ياشلىق باھارىمىز بىلەن دەۋرنى كۈتۈۋالىمىز، بىز يېڭى كۆتۈرۈلگەن قۇياش، ھاياتىمىز بىلەن كەلگۈسىنى يورۇتىمىز...››. رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن مايدا بىز بۇ كۆتۈرەڭگۈ مىلودىيەگە جور بولۇپ مۇھىم بىر كۈننى يەنى ‹‹4 – ماي››نى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالىمىز.

      ساۋاقداشلار، پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ كوممۇنىزىمنى ئۆگىنىش مەكتىپى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزىم قۇرۇشنىڭ زاپاس قوشۇنى، سىلەر شەرەپلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى. سىلەر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ قانداق تەشكىلات ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ قانداق ئادەمنىڭ شەرەپلىك كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالايدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كەڭ ياشلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ۋە كوممۇنىزىمنى ئەمەلىيەتتە ئۆگىنىش مەكتىپى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى. پىيونېرلار ئەترىتى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، كومپارتىيە كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئۈچ باسقۇچلۇق پەلەمپەي، ئەترەتكە كىرىش، ئىتتىپاققا كىرىش، پارتىيەگە كىرىش كىشىلەرنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ‹‹ئۈچ نامايەندە››. نۇرغۇن پىيۇنېرلار گالىستۇكنى ئېلىۋېتىپ ئىتتىپاق ئىزنىكى تاقاشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.

      كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ شەرەپلىك تارىخىنى كىم ياراتقان؟ قانداق نەرسە بىزنى ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇشقا ئۈندەيدۇ؟ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغان 90 يىللىق تارىخ جەريانىدا زور بىر تۈركۈم قەھرىمان، نەمۇنىچى شەخسلەر مەيدانغا كەلدى، سانسىزلىغان ياش ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئەقىل – پاراسىتى، كۈچ – قۇۋۋىتى، ھەتتا ھاياتىنى تەقدىم قىلدى.... ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۆيۈلۈشكە، ھۆرمەتلەشكە، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۈلگىلەردۇر. بۈگۈنگە قەدەر بىز ئاكا، ھەدە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا، ئىتتىپاق ئەزالىرى پىدائىيلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدۇق.

      قىزىل گالىستۇك بىلەن بالىلىقىمىزنى بېزەيلى، ئىتتىپاق ئىزنىكى بىلەن ياشلىقىمىزنى نۇرلاندۇرايلى، پارتىيە ئىزنىكى بىلەن ھاياتىمىزنى تاكامۇللاشتۇرايلى. ساۋاقداشلار، سىلەرنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بالدۇرراق ئەزا بولۇپ، بۇ چوڭ مەكتەپتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ زەبەردەست بولۇپ چېنىقىپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر