باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

يېمەكلىكلەر بىلەن ھۆسن تۈزەشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى

      ھۆسن تۈزەش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، يېمەك – ئىچمەككە دىققەت قىلىش ھۆسن تۈزەشنىڭ تۈپ يىلتىزى ئىكەن. نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبى تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇلارنى دائىم ئىستېمال قىلسا، بازاردىن ھۆسن تۈزەش مايلىرىنى سېتىۋېلىشمۇ ھاجەتسىزكەن يەنى ھېچقانداق جاپا تارتمايلا ساغلام ۋە گۈزەل چىرايغا ئىگە بولغىلى بولىدىكەن. ھۆسن تۈزەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان يېمەكلىكلەر تۆۋەندىكىچە:

      1. چوڭ چىلان: چىلان ھۆسن تۈزەشتىكى ئالىي يېمەكلىك. مەملىكىتىمىزدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ››كۈنىگە ئۈچ تال چىلان يېسە، ئۆمۈر بويى قېرىمايدۇ» دېگەن گەپ بار. چىلاننىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە E مول بولۇپ، ئۇنى دائىم يەپ بەرسە سەپكۈن، كالپۇك يېرىلىش، ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، تېرىنى زەخىملەندۈرىدىغان كېسەللىكلەردىن ساقلايدۇ تېرىدىكى قان ئايلىنىشنى ۋە بىخلىما گۆش ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ، تېرە ۋە چاچنى پارقىرىتىپ سىلىقلاشتۇرىدۇ.

      2. شاپتۇل چېچىكى: قەدىمكى تېببىي ئىلىمنىڭ قارىشىچە، شاپتۇل چېچىكىنى ئىستېمال قىلسا، كىشىنىڭ يۈز تېرىسىنى ئاقارتىپ، مەڭزىنى قىزىللاشتۇرىدۇ.

      3. تەرخەمەك: ساپ تەرخەمەك شېكەر ماددىسىنىڭ ياغقا ئايلىنىشىنى تورمۇزلايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ۋىتامىن E بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، تېرىنى قوغدايدۇ، تەرخەمەك شەربىتى تېرىنى تازىلايدۇ ۋە ئاسرايدۇ. شۇنداقلا قورۇقلارنى يوقىتىدۇ.

       4. كۈنجۈت: كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، بۇ ماددىلار قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈنجۈت مېيىنىڭ تەركىبىدە يەنە مول بولغان لېتسىتىن بولۇپ، ئۇ چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى ۋە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چاچنىڭ گۈزەللىكىنى ساقلايدۇ ھەمدە تېرىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى ئۇرغىتىدۇ.

      5. ياڭيۇ: ياڭيۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، كىراخمال، فوسفور، تۆمۈر، ۋىتامىنلار مول بولۇپ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئۇرۇقلۇق يېمەكلىكلەردىن تۆۋەن بولۇپ، ئورۇقلاشتا ئىستېمال قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تەكىيە كاۋا: تەكىيە كاۋىنىڭ سۇ تەركىبى مول، ئۇنىڭدىن سىرت، يەنە يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار كىشىلەرنىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپ، سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ماتېرىيالدىن

 

 

مەنبە: تەھرىر: قەلبىنۇر