باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

سۈرەتلىك خەۋەر

 
سۈرەتتە: سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كۆرۈنۈش.

    4 ــ ئاي كىرىشى بىلەن يەكەن ناھىيەسى ئازادباغ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار سىنىپ، مەيدان، ئىشخانا، ياتاق، ئاشخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىدى ھەم يېزا تەۋەسىدىكى ئاممىۋى قاتناش يولى، ئورمان بەلۋاغلىرىنى تازىلاش بىلەن بىرگە، يول بويىغا تىكىلگەن دەرەخلەرنى ئوغۇتلاپ ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

ئومەرجان ئوبۇل خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر