باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

تەلەي يۇلتۇزى كۈسەندە

      كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن قوللىشى، ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ــ تەنتەربىيە، رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن ماسلىشىشى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇنىۋېرسال سەنئەت قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى، داڭلىق رىياسەتچى مۇنىرە غوپۇر، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ داڭلىق ئاۋاز ئارتىسى، ‹‹تەلەي يۇلتۇزى›› پىروگراممىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى قەيسەر ھەبىبۇللا، ‹‹تەلەي يۇلتۇزى›› پىروگراممىسىنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى گۈلشەن مۇھەممەت تۇرسۇن قاتارلىق 13نەپەر رىياسەتچى، ئوپېراتور ۋە مۇلازىمەتچى تېخنىكلارنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 30 - ئاپرېل ‹‹تەلەي يۇلتۇزى كۈسەندە›› پىروگراممىسىنىڭ 1 -، 2-  سان پىروگىراممىسى قىزىل مىڭ ئۆي ساياھەت رايۇنىدا،  3 ــ، 4 ــ سان پىروگراممىسى 2   ــ ماي تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ساياھەت رايۇنىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىندى. 

    ‹‹تەلەي يۇلتۇزى كۈسەندە›› پىروگراممىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئىشلىنىشى ئەمگەكچان، باتۇر، ئەقىل پاراسەتلىك كۇچا ياشلىرىنىڭ يېڭى دەۋىردىكى ئوبرازىنى نامايان قىلىپلا قالماي، كۇچانىڭ داڭقى، گۈزەل نامى ۋە تەسىر كۈچى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۇچانىڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى يارىتىشتا كۈچلۈك تەشۋىقات رولىنى ئوينايدىكەن.

 
 
 
 
 
 
 
 

سۈرەتتە: ‹‹تەلەي يۇلتۇزى كۈسەندە›› پىروگراممىسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرى.

نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر