باش بەت | پىسخىكا

پسىخىك نورمالسىزلىقنىڭ ئۆلچەملىرى

      پسىخىك پائالىيەتلەرنىڭ نورماللىقى بىلەن نورمالسىزلىقى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق چەك ــ چېگرا بولمايدۇ. بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل بولسا پىسخىك ھالەت ۋە ھەرىكەت ئىپادىلىرىنى شۇ ئوبيېكتىپ مۇھىت ئىچىگە قۇيۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان نورمال ھەرىكەت بىلەن سېلىشتۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. بەزى پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بىر ئادەمنىڭ پىسخىك جەھەتتىن نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىغىلى بولىدىكەن:

      1. ئۆزلۈك تەجرىبە ئۆلچىمى. بۇ ئۆلچەمدە، شەخىسنىڭ ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا، پسىخىكىسىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بىر تەرەپتىن، پىسخىك جەھەتتىن نورمال بولمىغان كىشى ئۆزى ھۆكۈم قىلىدۇ. پىسخىك جەھەتتە نورمال بولمىغان كىشىلەردە جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، قورقۇش، ھەرىكەتتە پاسسىپ بولۇش ياكى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى كونترول قىلالماسلىق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلار كۆرۈلىدۇ. ئۆزىنى كېسەل، ياردەمگە موھتاج دەپ قارايدۇ، ئەمما ھەممە بىماردا ئۇنداق سۇبيېكتىپ ئارامسىزلىنىش تۇيغۇسى بولىۋەرمەيدۇ. بەزى ئېغىر روھىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلار ھېچقانداق ئارامسىزلىنىش ھېس قىلمايدۇ، ئۆزىنى كېسەل دەپ قارىمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئادەملەرگە باشقا ئۆلچەملەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىغان ئاساستا ھۆكۈم قىلىش كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، دوختۇر ھۆكۈم قىلىدۇ. دوختۇرلار ئۆزىنىڭ پىسخىك نورمالسىزلىق ھەققىدىكى بىلىمى ۋە تەجرىبىسى ئارقىلىق بىر كىشىنىڭ پىسخىك جەھەتتە نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئادەتتە ياخشى تەربىيىلەنگەن دوختۇرلار بۇنىڭغا خېلى توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ.

      2. جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۆلچىمى. ئادەم جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، بەزى ئىجتىمائىي نىزاملارغا، ئۆرپ ـ ئادەتلەرگە، ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشى زۆرۈر. ئەگەر بىر ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھەرىكىتى جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان ھەرىكەت قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن نورمالسىز دەپ قارىلىدۇ. بۇ ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا، بىر ئادەمنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ــ قاتنىشالماسلىقى، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ــ چىقالماسلىقى، ھەر خىل مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ــ ئالالماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىسخىك جەھەتتە نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنىڭ ئۆلچىمىدۇر. پىسخىكىسى نورمال بولمىغان كىشىلەر ھەمىشە رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ھەرىكەتلىرى غەلىتە بولىدۇ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە نورمال قاتنىشالمايدۇ.

      3. مېدىتسىنا ئۆلچىمى. بۇنىڭدا جىسمانىي نورمالسىزلىق نۇقتىسىدىن پىسخىك نورمالسىزلىقنى كۆزىتىشكە بولىدۇ. مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، جىسمانىي جەھەتتىكى نورمالسىزلىقمۇ بەزى پىسخىك نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب ئىكەن. ئالايلۇق، مېڭىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، زەھەرلىنىش، يۇقۇملىنىش، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىدىكى كېسەللىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىسخىك نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. دېمەك، بۇ خىل كېسەللىك ئۆزگىرىشلەرنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق پىسخىك نورمالسىزلىققا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۆلچەممۇ بەزى چەكلىمىلەرگە ئىگە.

      4. ستاتىستىكا ئۆلچىمى. بۇ خىل ئۆلچەمدە، شەخسنىڭ پىسخىك ئەھۋالى بىلەن كىشىلەر توپىنىڭ پىسخىك ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇلىدۇ. ستاتىستىكا ئىلمىدە بايقىلىشىچە، پىسخىك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نورمال ھالەتتە بولىدىكەن، پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى نورمالسىزلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

      يۇقىرىقى تۆت خىل ئۆلچەمنى بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىپ، ئومۇميۈزلۈك باھالاشقا بولىدۇ. ئەگەر بىرلا ئۆلچەم ئاساس قىلىنسا، يەكۈن بىر تەرەپلىمە، ئىشەنچىسىز بولۇپ قالىدۇ.

 

مەنبە: ئەلداۋا تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر