باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كېلەر مەۋسۇمدىن باشلاپ ‹‹باج قانۇن››نى ئۆگىنىدۇ

      ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ يېڭى بىر دەرسلىك ـــ ‹‹باج قانۇن››نى ئۆگىنىدۇ. بۇ ئۆگىنىش ۋەزىپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3536 باشلانغۇچ مەكتەپ، 1157 ئوتتۇرا مەكتەپتىكى355 مىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا چېتىلىدۇ.

      ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك باج ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بېجى ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ ‹‹باج قانۇنى تەشۋىقات ــ تەربىيەسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىكى 6 ــ بەش يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشكە دائىر ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، بۇ خەۋەرنى ئۇقتۇرغان.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر