ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 ــ يىللىق سىنوك بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2 ــ بېكەت مۇسابىقىسى 30 ــ ئاپرېل ئاياغلاشتى، جۈرئەت 2:4 نەتىجە بىلەن ما بىڭنى ئۇتۇپ چېمپىيون بولدى.
جۈرئەت مۇنداق دېدى: ‹‹ما بىڭ ئىككىمىزنىڭ سەۋىيەسى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، دادام ئاغرىق بولغاچقا، تۇنجى بېكەت مۇسابىقىدە ماھارىتىمنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي 5:4 نەتىجە بىلەن ما بىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويغانتىم، بۇ قېتىم پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويمىدىم››.