باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋاسكېتبول تۈرىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى ئاياغلاشتى

      بۇ يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋاسكېتبول تۈرىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى 30 ــ ئاپرېل بىرازىلىيەنىڭ رىئودى ژانېرو شەھىرىدە ئاياغلاشتى، ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسى ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

      A گۇرۇپپا: ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئارگېنتىنا، تۇنىس، تاللاش مۇسابىقىسىدە 1 ــ ۋە 2 ــ بولغان كوماندا.

      B گۇرۇپپا: جۇڭگو، ئىسپانىيە، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، ئەنگلىيە، تاللاش مۇسابىقىسىدە 3 ــ بولغان كوماندا.

     گىرېتسىيە، ئىيوردانىيە، پوتورىكو، لىتۋا، ۋېنېزۇئېلا، دومىنىكا، كورىيە، رۇسىيە، ئانگولا، ماكىدونىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە كوماندىسىدىن ئىبارەت 12 كوماندا 2 ــ ئىيۇلدىن 8 ــ ئىيۇلغىچە ۋېنېزۇئېلادا مۇسابىقىلىشىپ ئاخىرقى ئۈچ ساننى تالىشىدۇ.

      ئېلىمىز ئاياللار كوماندىسىنىڭ تەلىيى كەلمەي، ئامېرىكا كوماندىسى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈپ قالدى، ئاياللار كوماندىسىنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

      A گۇرۇپپا: ئامېرىكا، جۇڭگو، ئانگولا، تاللاش مۇسابىقىسىدە 1 ــ، 2 ــ ۋە 4 ــ بولغان كوماندا.

      B گۇرۇپپا: ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، ئەنگىلىيە، رۇسىيە، تاللاش مۇسابىقىسىدە 3 ــ ۋە 5 ــ بولغان كوماندا.

      ئېلىمىز ئەرلەر كوماندىسى 29 ــ ئىيۇل ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن، 31 ــ ئىيۇل تاللاش مۇسابىقىسىدە 3 ــ بولغان كوماندا بىلەن، 2 ــ ئاۋغۇست ئاۋستىرالىيە كوماندىسى بىلەن، 4 ــ ئاۋغۇست بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن، 6 - ئاۋغۇست ئەنگلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر