باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

ئاپتونوم رايون جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

      ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇش كېرەك

      جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلدى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

      ئاپتونوم رايون 3 - ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تەقدىرلىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زامانىمىزدىكى شىنجاڭ ياشلىرى پۇرسەت ئېڭى، خەۋپ ئېڭى ۋە كۈتۈپ تۇرماسلىقتەك تەخىرسىزلىك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مۈشكۈل ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭچە ئۈنۈم يارىتىپ، شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭچە ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭچە ئوبراز تىكلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە تېخىمۇ جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشى كېرەك.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

      ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋىي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۇن، بەي جېجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى.

      ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان ئاپتونوم رايوننىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىدىن ھامىدىن نىياز، نيۇ چىيى يىغىنغا قاتناشتى.

      يىغىندا ما شىلياڭ قاتارلىق 12 ياشقا 11 - نۆۋەتلىك ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى 4 - ماي مېدالى›› بېرىلدى ۋە جىن شىن قاتارلىق 120 ياشقا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزاسى››، ئاتىكەم جۈمەخۇن قاتارلىق 123 ياشقا ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق كادىرى›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى. جاڭ چۈنشيەن شىنجاڭ ياش زەربىدارلار باش ئەترىتىگە بايراق تەقدىم قىلدى.

      جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئىتتىپاق ئەزالىرىغا، تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرى، ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ياشلار خىزمىتى كادىرلىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 90 يىلدىن بۇيان پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى مەركىزىي ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت ئومۇمىيىتىنى باشتىن - ئاخىر زىچ چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشقا، چېنىقىپ، ئۆسۈپ يېتىلىشكە، تۆھپە يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، جاسارەتكە تولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭ كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولۇپ، ھەر مىللەت ياشلارنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە، تۆھپە قوشۇپ ئىگىلىك تىكلىشىگە مىسلىسىز پۇرسەت ۋە كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى.

      جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : شىنجاڭ ياشلىرى ‹‹تىرىشىدىغانلا بولساق ئۆزگىرىش ياسىيالايمىز، تىرىشقاندىلا ئۆزگىرىش ياسىغىلى بولىدۇ›› دەيدىغان ئېتىقادنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە دەۋر روھىنى نامايان قىلىشى كېرەك. دەۋرنى ئېنىق تونۇپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ ۋە ئېغىر ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تۈرلۈك ۋەزىيەت ۋە مۇھىتقا دادىل تاقابىل تۇرۇشى، تۈرلۈك زىددىيەت ۋە پەرقلەرگە دادىل توغرا مۇئامىلە قىلىشى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرسلارغا دادىل يۈزلىنىشى كېرەك. شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ ئىلمىي ھالقىشى، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشى ۋە گۈللەنگەن ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشى كېرەك.

      جاڭ چۈنيشەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: زامانىمىزدىكى ھەر مىللەت شىنجاڭ ياشلىرى ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار نىشان تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى گۈزەل شىنجاڭنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇش كونكرېت ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىدىيە ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرىنى پارتىيە ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەتلىرىنى ھەر دەرىجىلىك پارتكومنىڭ مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

      يىغىندا ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى 4 - ماي مېدالى››غا ئېرىشكەن، ياش زەربىدارلار باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل كۇڭ ۋېي، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى 4 - ماي مېدالى››غا ئېرىشكەن، ئىستۇدېنت ئەمەلدار، كەنت ئىتتىپاق ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ياسىن تۇرسۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئاينۇر مەخسۇت قاتارلىقلار سۆز قىلدى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر