باش بەت | كائىنات سىرلىرى

قەدىمكى ئىنكار ئىمپېرىيە دەۋرىدە يوشۇرۇپ قويۇلغان ئالتۇننىڭ سىرى

       مىلادى 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پېرۇدا بىر يەرلىك ئىندىيانلار قەبىلىسى ياشىغان بولۇپ، ئۇلار خوشنا قەبىلىلەرنى قوشۇۋېلىش ئارقىلىق بىر قۇللۇق توزۈم دۆلىتىنى يەنى ئىنكا ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ چىققان.

      ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىنكالىقلار قۇياش ئىلاھىغا چوقۇنغان. ئۇلار ئالتۇندىن چىققان پارقىراق نۇرنى كۆرگەندە قۇياشنىڭ نۇرىغا ئوخشىتىپ ئالتۇننى جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن ھەم ئالتۇننى يىغىپ ساقلىغان. ئىنكا دۆلىتىدە ئالتۇن ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بارلىق ئىبادەتخانا ۋە خان سارايلىرىنى پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن بېزىگەن. ئىنكا دۆلىتىدىكى ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا، بۇ ئالتۇنلار بەزىبىر كۆچمەنلەرنىڭ ئىگىلىۋېلىشى ئىستىكىنى قوزغىغان. مىلادى 1525 - يىلى 1 - ئايدا، ئىسپانىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ باشلىقى پىزاررو كۆچمەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ، بۇ يەردىكى غايەت زور ئالتۇنلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىدە بۇ يەرگە ھۇجۇم قىلغان.

      1532 - يىلى پىزاررو ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ كاخماركا شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى ئاتاخۇاپانى پەم بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ئۇنىڭ 400  مىڭ كىلوگىرام ئالتۇننى  بۇلىۋالغان ھەم ئۇنىڭغا ب ېسىم ئىشلىتىپ خەلقىغە ئالتۇن تاپشۇرۇش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىغان، كېيىن ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

      پىزاررو ئىنكا پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى كۇزكو شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار بار كۈچى بىلەن ئالتۇن ئىزدەشكە باشلىغان. ئۇلار ئالتۇندىن بېزەلگەن بۇتخانا ۋە خان سارايلىرىنى ئۇچراتقان ھەمدە كۇزكو شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئۆڭكۈردىن ئالتۇن ياسالغان قازان - قۇمۇچ، بىرقىسىم قىسقۇچ پاقا، يىلان، قۇچقاچ قاتارلىق ئەتىۋارلىق بۇيۇملارنى بايقىغان. لېكىن شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۇنداق كۆپ ئالتۇنلارنى تاپالمىغان.

      مىلادى 1533 - يىلىنىڭ ئالدى كەينىدە پىزاررو ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئالتۇنلارنى پادىشاھ ئاتاخۇاپا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن بىر قىسىم  ئىنكالىقلار بۇ ئالتۇنلارنى ئوغرىلىقچە ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ ‹‹مۇقەددەس جايى›› تىتى كاكا كۆلىگە يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. تىتى كاكا كۆلىنىڭ ئورنى پىرۇ بىلەن بولىۋىيە چېگراسىدىكى ئاندىس تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ يەرلىك ئىندىيانلار مۇشۇ كۆلنىڭ ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەنىدى.

      ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى زامانلاردا ئىنكالىقلار قۇمۇچتىن ياسالغان سالغا ئولتۇرۇپ، نۇرغۇن ئالتۇن ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى مۇشۇ كۆل ئوتتۇرىسىغا تاشلىۋەتكەنىكەن. پىرزاررو بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېين 1533 - يىلى 12 - ئايدا قول ئاستىدىكى ئادەملىرىرنى بۇ كۆلگە باشلاپ كېلىپ بالىقلارنى ئىزدىگەن. ئۇلار كۆل  تىگىنى 7، 8 يىل ئاختۇرۇپ تاپى پىزاررو قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنگە قەدەر ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئۇ بايلىقلارنى تاپالمىغان.

      پىزاررو ئالتۇنلارنى ئىزدە جەريانىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغانسېرى بۇ ئالتۇن رىۋايىتى بارغانسېرى سىرلىقلىشىپ كەتكەن. ئەينى زاماندا نۇرغۇن ئادەملەر بۇ رىۋايەتنى ئويدۇرۇپ چىقارغانمىكىن دەپ گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىىن يەنىلا بىر قىسىم ئادەملەر بولۇپمۇ ئىسپانىيە كۆچمەنلىرى بۇ رىۋايەتكە ئىشەنگەن.

      پىزاررودىن كېيىنكى بىر قىسىم ئىسپانىيە كۆچمەنلىرى ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى كۇزكونىڭ شىمالىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر قەلئە بارلىقىنى بىلەتتى. ئۇ جايدىكى يەر ئاستى يولى ئىنكالىقلار گۆھەرلەرنى ساقلايدىغان ئورنى ئىدى. ئۇلار بۇ قېتىم ئالتۇنلارنى چوقۇم مۇشۇ جايغا يوشۇرۇپ قويدى دەپ پەرەز قىلىپ بۇ جاينى قايتا - قايتا ئاختۇرغان.

      zairelsaac wattsman  دەپ ئاتىلىدىغان بۇ قەلئە بىر تاغ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈچ قەۋەت قورام تاشتا قوپۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر قەۋەت تام 18 مېتىر ئېگىزلىكتە قوپۇرۇلغان. قەلئەدە جەمئىي 21 ئىستېھكام ۋە كۆزىتىش سۇپىسى بولۇپ، ئىنكا خاندانلىقى دەۋرىدە ھەربىي قىسىم پاراتتىن ئۆتىدىغان جاي ئىدى. قەلئە ئىچىدە يەنە قۇياش ئىلاھى بۇتخانىسى، خان جەمەتى سەراپخانىسى، ماھارەت كۆرسىتىدىغان مۇسابىقە مەيدانى قاتارلىق ھەر خىل قۇرۇلۇشلار بار ئىدى. قەلئەنىڭ مەزكىزىدە چوقچۇيۇپ تۇرىدىغان بىر يۇمىلاق شەكىللىك قۇرۇلۇش قەلئەنى تېخىمۇ ھەيۋەت كۆرسىتەتتى. ئىسپانىيە كۆچمەنلىرى بۇ قەلئەدىكى يەر ئاستى يولىنىڭ مەخپى ئېغىزىنى زادىلا تاپالمايدۇ.

      1911 - يىلى ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى خىرام بىنگام ئاندىس تېغىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەن. ئۇ ئاخىرى كۇزكونىڭ غەربىي شىمالىغا 122 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئىككى تىك قىيا ئوتتۇرىسىدىن رىۋايەتتە سۆزلەنگەن مەچۇپىچۇ قەلئەسىنىڭ خارابىسىنى تاپقان.

      خىرام ماچۇپىچۇنى قايتا - قايتا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ  يەرنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى بۇ يەردىن ئۆتۈشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى، يىل بويى تۇمان ئىچىدە تۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان. قەلئەنىڭ ئىچىدە يول، مەيدان شەھەر دەرۋازىسى، ئوردا بار ئىكەن. سېپىل ئىچىدىمۇ بارلىق قۇرۇلۇشلار سۇس رەڭلىك گىرانت تاشتىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ھەربىر تاشنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن نەچچچە توننا ئېغىرلىقتا ئىكەن.

      سېپىل ئىچىدە يەنە گىرانت تاشتىن سېلىنغان ئۆيلەر بار بولۇپ، پۈتۈن قەلئە ئاجايىپ سىرلىق كۆرۈنىدىكەن. خىرام بۇ قەلئەنى تەپسىلىي ئاختۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا ھېچنېمە تاپالمىغان.

      خىرامدىن كېيىن يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار مەچۇپىچۇغا كېلىپ تەكشۈرۈپ ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ھېچكىممۇ بۇ يەردىن ھېچقانداق بىر يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن. بۇ يەرگە زادى ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ ئالتۇنلىرى يوشۇرۇنغانمۇ ئەمەسمۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك بۇ بىر سىرلىق بولۇپ قالغان.

 

مەنبە: بىلىم - كۈچ تەھرىر: قەلبىنۇر