باش بەت | مەكتەپلەر

كىچىك چولپانلار ئۈچۈن...

     ئاينۇر ھادى، قەلبىنۇر قاھار (مۇخبىرلىرىمىز)

      — ئاپا، مېنىمۇ ‹‹كىچىك چولپان›› ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەركىزىگە ئاپىرىپ بېرىڭە! ئۇ يەردە ئۇسسۇل ئۆگىنىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم كىچىك چولپانغا ئايلىنىپ سەھنىلەردە ئۇسسۇل ئوينىدى، تېلېۋىزورلاردا ماھارەت كۆرسەتتى.

      — نېمە دەيدىغانسەن بالام، ئۇ تەربىيەلەش مەركىزى راستتىنلا سىلەرنى چولپان قىلالامدىكەن؟ ئۇنداق يوقىلاڭ گەپلەرگە ئىشەنمە!

      — راست دەۋاتىمەن ئاپا. ئۇلارنىڭ ‹‹قامەت – تالانت سەھنىسى››دە كۆرسەتكەن نومۇرلىرىنى كۆرسىڭىز گېپىمنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەتتىڭىز.

      ئاپتوبۇستىكى بۇ ئانا – بالىنىڭ پارىڭى قۇلىقىمىزغا كىرىپ قالغاچقا خىزمەتدىشىم ئىككەيلەننىڭ پارىڭىمۇ ئىختىيارسىز ‹‹كىچىك چولپان›› ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەركىزىگە يۆتكەلدى. بۇ مەركەز توغرۇلۇق ئاتا – ئانىلاردىن دائىم ياخشى باھالارنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. گېزىتخانىمىزغا سۇنۇلغان تىپىك شەخسلەر ھەققىدىكى ماقالىلەر ئىچىدىمۇ بۇ مەركەزدە تەربىيەلىنىپ نەتىجىگە ئېرىشكەن بالىلار ھەققىدە يېزىلغانلىرى ئۇچراپ تۇراتتى، تېلېۋىزورلاردىمۇ بۇ مەركەزدىكى ئوماق بالىلارنىڭ نومۇرلىرى پات – پات كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. بىز تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بۇ مەركەزنى زىيارەت قىلىشنى مەسلىھەتلەشتۇق.

      بۇ مەركەزنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل رېژىسسورى ئەنۋەر نۇرنى ئىزدەپ بارغىنىمىزدا ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئۇسسۇل مەشىقى قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ زىيارەت مەقسىتىمىزنى بىلگەندىن كېيىن بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى.

      — قانداق بولۇپ بۇ مەركەزنى قۇرۇشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟ — دەپ سورىدۇق ئۇنىڭدىن.

      — كىچىكىمدە ئۇسسۇلغا ئالاھىدە ھەۋەس قىلاتتىم. ناخشا – مۇزىكا چىقسىلا تۇرالماي قالاتتىم، — دەپ سۆز باشلىدى ئەنۋەر مۇئەللىم بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەپ، — ئەمما ئۇ چاغلاردا ئىشتىن سىرتقى ئۇسسۇل ئۆگىتىدىغان مەكتەپ، ئۇستاز ئاز بولغاچقا تېلېۋىزوردىن ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى قارىغۇلارچە دوراپ ئۆگىنەتتىم. دائىم ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ئۇسسۇل ئويناپ بېرەتتىم. دەسلەپتە ئاتا – ئانام ئۇسسۇل ئوينىشىمغا قارشى تۇردى. كېيىن ئۇسسۇلغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغانلىقىمنى كۆرۈپ مېنى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇتتى. نۇرغۇن چوڭ سەھنىلەردە ئۇسسۇل ئوينىغان بولساممۇ ئۆيۈمدىكى ئاشۇ كىچىك ‹‹سەھنەم››، مېھمان ‹‹تاماشىبىنلىرىم›› پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

      بەزى بالىلار ئۇسسۇلغا ئىنتايىن قىزىقسىمۇ ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىغان خىراجەتنىڭ يۇقىرىلىقىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارنى تەربىيەلەشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى، يەنە بىرقىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇسسۇلدا قانداق تەربىيەلەشنى بىلمەي تەمتىرەپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايتتىم. بۇنداق چاغلاردا بالا ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلەتتى. بالىلار مەشىق قىلىدىغان سەھنە، ئۇلارنى پەرۋىش قىلىدىغان باغۋەن بولمىسا ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرى قانداقمۇ پورەكلىيەلىسۇن؟ سۈرۈشتە قىلسام ئۇيغۇر ئۆسمۈر – بالىلىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان مۇنتىزىم ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەركىزى تولىمۇ كەمچىل ئىكەن. شۇڭا، 2006 – يىلى بۇ مەركەزنى قۇرۇش قارارىغا كەلدىم.

      — بۇ مەركەزنى قۇرۇش داۋامىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭىز؟

      — قىيىنچىلىق قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇردى دېسەم مۇبالىغە بولمايدۇ، – دېدى ئەنۋەر مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ، – ئەينى چاغدا بۇ مەركەزنى ئېچىش پىلانىمنى ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا مەسلىھەت سېلىۋىدىم ھەممىسى قارشى چىقتى. مەندە يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغاچقا رادىيو – تېلېۋىزورلارغا ئېلان بېرىش، ئۇسسۇل زالى ئىجارە ئېلىش، ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش دېگەندەك خىراجەتلەرنى كۆتۈرەلمەيتتىم. شۇنىڭ بىلەن تەشۋىقات ۋەرەقىسى باستۇرۇپ ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تارقاتتىم. تونۇش – بىلىشلىرىمگە، ئۇچرىغانلارغا بالىلار ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر مەركەز ئاچقانلىقىمنى ئېيتتىم. نەتىجىدە بىرلا بالا تىزىملاتتى. ھەممەيلەن ماڭا بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشنى ئېيتتى. ئەمما، ماڭا ئىشىنىپ كەلگەن تۇنجى بالىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويغۇم كەلمىدى. ئەتىسى ئۇنىڭغا تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئۆتتۈم. مۇشۇ تەرىقىدە چوڭ زالدا ئۇسسۇل ئۆگەتتىم. ئۈچ ئايدىن كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلاپ 14 بالا كەلدى. 15 بالىغا ئوقۇتقۇچى بولدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە قىزلارمۇ بولغاچقا ئۇلارغا ئايال ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ بېرىشكە قۇربىم يەتمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىن قايتقاندا VCD پىلاستىنكىلىرىنى كۆرۈش، ئايال ئۇسسۇلچىلاردىن سوراش ۋە ئايالىمنىڭ ياردىمى بىلەن قىزلارغىمۇ ئۇسسۇل ئۆگەتتىم.

      مەن ‹‹بالىلارغا ئۇسسۇل ئۆگەتسەملا ياخشى ئۇستاز بولالايمەن›› دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمما، خاتالىشىپتىمەن. بالىلارنى چۈشەنمەي، دوستلاشماي، سىرداشماي تۇرۇپ ئۇلارنى تەربىيەلىگىلى، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلغىلى بولمايدىكەن. بەزى بالىلار دائىم چۈشكۈن يۈرىدۇ، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى قايتا – قايتا ئۆگەتسەممۇ ئېسىدە تۇتالمايدۇ، باشقىلار بىلەن سىردىشىشنى خالىمايدۇ، چىراي ئىپادىسى روشەن گەۋدىلىنىدىغان ھەرىكەتلەردە قاپىقىنى تۈرۈۋالىدۇ، ھەتتا مۇسابىقە كۈنىنى شۇنچە تاپىلىساممۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدۇ... دەسلەپتە بۇنداق ئەھۋاللارغا ئاچچىقلاندىم. ئەمما، مەن قاتتىق تەلەپ قويغانسېرى ئۇلار شۇنچە قارشىلىشىشقا باشلىدى. ئاخىر ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم. ئۇلارنىڭ ئۇستازىلا ئەمەس، سىرداش دوستىغا ئايلاندىم. نەتىجىدە بالىلار بارا – بارا ئېچىلىشقا باشلىدى. ماڭا كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى دەيدىغان، دەرس ۋاقتىدا زېھنىنى يىغىدىغان، ئۇسسۇلغا تېخىمۇ قىزىقىدىغان بولدى.

      — ھەش – پەش دېگۈچە بۇ مەركەزنىڭ ئېچىلغىنىغىمۇ يەتتە يىل بوپتۇ. ئەجرىڭىزگە تۇشلۇق قانداق نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق پىلانىڭىز بار؟

      — بۇ مەركەز ھازىر ئۇسسۇلغا ئىشتىياق باغلىغان 200دىن ئارتۇق نوتىنىڭ ياخشى سەھنىسىگە ئايلاندى. بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە، ئاتا – ئانىلارنىڭ قوللىشى، ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇنى چوڭ نەتىجە دەپ ئويلايمەن. ئوقۇغۇچىلىرىمىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسىنىڭ ‹‹قامەت –تالانت سەھنىسى››گە قاتنىشىپ ئايلىق، يىللىق چېمپىيونلۇق شەرىپىگە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ئالاھىدە 1+ 6›› پىروگراممىسىغا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹بالىلار مەشرىپى›› پىروگراممىسىنىڭ ھەر سانىغا دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ نومۇرى تاللاندى. ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن بېيجىڭ ئۇسسۇل مەكتىپى ۋە شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغانلارمۇ خېلى كۆپ. ھازىر ئوقۇغۇچىلىرىمىز توققۇز سىنىپقا ئايرىلغان بولۇپ، مۇنتىىزىم تەربىيەلەنگەن 11 مۇئەللىم ئۇلارغا دەرس بېرىدۇ. مەركىزىمىز يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزبېكچە، تاجىكچە، تاتارچە، ئىسپانچە، ھىندىستانچە، كوچا ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇل تۇرلىرىنى يولغا قويدى. مەن يېقىن كەلگۈسىدە مەركىزىمىزنى كېڭەيتىپ، ‹‹كىچىك چولپان›› ئۇسسۇل تەربىيەلەش مەركىزىنى سەنئەت تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ، بالىلارغا ئۇسسۇللا ئەمەس ناخشا، مۇزىكا ئۆگىتىشكىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەرسەم، مەركىزىمىزنىڭ نامىنى پۈتۈن شىنجاڭغا تونۇتسام دەيمەن.

 

      سۈرەتتە: كوچا ئۇسسۇلى سىنىپىدىكى بالىلار ئەنۋەر مۇئەللىم (ئارقىدا سولدىن 1 – كىشى) ۋە ياش ناخشچى ئەركىن ئابدۇللا بىلەن بىللە.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر