باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

ئۇچۇر دېگەن نېمە

      ئومۇمەن، بىز كۆزىمىز، قۇلىقىمىز، بۇرنىمىز، تىلىمىز، تېنىمىز ۋە چوڭ مېڭىمىز ئارقىلىق سەزگەن تاشقى شەيئىلەر ئۇچۇرغا مەنسۈپ بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇچۇر دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، ھەر ۋاقىت تۈرلۈك ئۇچۇر بىلەن ھەپىلىشىمىز.

      دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە، بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، رېنتىگېن نۇرى ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت، لابوتورىيىلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىق يېزىق ۋە سۈرەتلەر ئارقىلىق داۋالاشقا پايدىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ؛ مېتېئورولوگىيە ئىنژېنېرلىرى تۈرلۈك ئەسۋابلاردىن پايدىلىنىپ، ھاۋا رايى، شامال كۈچى، شامال يۆنىلىش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆلچەش ۋە خاتىرىلەش ئارقىلىق مېتېئورولوگىيە ئۇچۇرىغا ئېرىشىدۇ؛ كىشىلەر تۇرمۇشتا كىتاب، گېزىت – ژورناللارنى ئوقۇش، كىنو – تېلېۋىزور كۆرۈش ئارقىلىق ھەر خىل ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ.

      ئۇچۇر ئادەتتە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. پايدىلىق بىر سودا ئۇچۇرى زور بايلىق ئەكېلەلەيدۇ؛ ھاۋا رايىدىن ئالدىن بېرىلگەن بىر قېتىملىق توغرا مەلۇمات ئاپەت پەيدا قىلىدىغان زىياننى ئازايتالايدۇ.

      ھەممىلا ئۇچۇر پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. بەزى ئۇچۇرلار كېرەكسىز بولۇپلا قالماي، بەلكى زىيانمۇ سالىدۇ. مەسىلەن: كومپيۇتېر ۋىرۇسى كومپيۇتېرنىڭ خىزمىتىگە كاشىلا پەيدا قىلىپ، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

      ھازىرقى دەۋردە، ئۇچۇر بىر خىل مۇھىم بايلىق مەنبەسى، ئۇ زېمىن، كان مەھسۇلاتلىرى، ئېنېرگىيە مەنبەسى قاتارلىق ماددىي بايلىقلارغا ئوخشاشلا قىممەتلىك بايلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە ئۇچۇر كەسپى ئاللىقاچان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مەۋلان