كۇچا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى 25 نەپەر تىببي خادىمدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 3 - مايدىن باشلاپ بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىنى پۈتتۈرۈپ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان 2500 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى ئومۇمىيۈزلۈك باشلىدى، تەكشۈرۈش خىزمىتى 10 - مايدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىكەن.
سۈرەتتە: تىببىي خادىملار ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى