باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

بايىنغولىن ئوبلاستىدا ‹‹يېڭىلىق يارىتىش لوڭقسى›› تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

      كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹بىلىم - مۈلۈك ھوقۇق قانۇنى››، ‹‹تاۋار ماركىسى قانۇنى›› قاتارلىق قانۇنلارغا بولغان چۇشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاتچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېقىندا بايىنغولىن ئوبلاستىلىق سودا ــ سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى، مەدەنىيەت ــ تەنتەربىيە، رادىيو ــ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قاتارلىق 3 ئورۇن بىرلىكتە، بىلىم – مۈلۈك ھوقۇقى بىلىملىرى بۇيىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹يېڭىلىق يارىتىش لوڭقىسى››نى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئوبلاستىلىق1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق 9 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى مۇسابىقىگە قاتناشتى. 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆردى.

سۈرەتتە: مۇسابىقە پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش.

مۇساجان تۇردى خەۋىرى، لى فېيفېي فوتوسى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر