باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

چىرا ناھىيەسىدە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

      چىرا ناھىيەسى ‹‹4 - ماي›› ياشلار بايرىمىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش، ناھىيەنىڭ مەنىۋىي - مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۉچەيتىپ، ئاممىۋىي تەنھەرىكەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن 2 - مايدىن 3 - مايغىچە ناھىيەلىك تەنتەربىيە مەركىزىدە 2 - نۆۋەتلىك ئىشچى - خىزمەتچىلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە 25 كوماندا، 780 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشتى.

      مۇسابىقە ھەرقايسى كوماندىلارنىڭ جەسۇرانە ۋە مەردانە قىياپەتتە پاراتتىن ئۆتۈش ۋە ھەر مىللەت ئورۇنلىغان 450 كىشىلىك مىللىيچە ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن سەككىز چوڭ تۈر، 28 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىنى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى كۆردى.

 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 

سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈشلەر.

ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر