باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

 ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان نىياز مۇسانىڭ ئىش – ئىزلىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى

      1 - ماي كۈنى فاڭسىڭ ئۆستىڭىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇش يولىدا باتۇرلارچە قۇربان بولغان، كۇچا ناھىيەسى ئاغى يېزىسى لەڭگەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۈجىسى، مۇنەۋەر كومپارتىيە ئەزاسى نىياز مۇسانىڭ ئىش – ئىزلىرى نۇرغۇنلىغان ئىدارە - ئورۇن، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 1 - مايدىن 5 - مايغىچە، كۇچا ناھىيەسىگە قاراشلىق ھەرقايسى ئىدارە - ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى لەڭگەر كەنتىگە ېرىپ، نىياز مۇسانىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كۇچا ناھىيەسىگە كېلىپ، مەرھۇم نىياز مۇسانىڭ 20 يىلدىن بۇيانقى لەڭگەر كەنتىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قوشقان شانلىق تۆھپىلىرىگە ئائىت ئىش - ئىزلىرىنى زىيارەت قىلدى.

 
سۈرەتتە: ئىككى بالا سۈغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆستەڭ.
 
 
سۈرەتتە: مۇخبىرلار نىياز مۇسانىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى زىيارەت قىلماقتا.
 
 
سۈرەتتە: مۇخبىرلار سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىمران ئالىمنى يوقلىدى.

 نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر