باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا قار ياغىدۇ پۈتۈن شىنجاڭدا يەنە بورانلىق، تۆۋەن تېپمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

سۈرەتتە: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېتىمبۇلاق بازىرىدىكى كىشىلەر ئىشىكى ئالدىدىكى قارلارنى تازىلىماقتا.

      شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 7 - ماي چۈشتىن كېيىن بورانلىق، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىپ، غەربىي سىبېرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە، 9 - ماي كۈندۈزدىن 10 - ماي كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شەرقىي شىنجاڭ رايونىدا بوران چىقىپ، تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى، تۇرپان - پىچان - توقسۇن ئويمانلىقى ۋە قومۇل قاتارلىق جايلاردا 7 ~ 8  بال ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ، ئوتتۇز چاقىرىملىق، يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدا بوراننىڭ ئەڭ چوڭ پەيتلىك كۈچى 11 ~ 12 بالغا يېتىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە شەرقىي شىنجاڭ رايونلىرىدا تېمپىراتۇرا 5 ~ 8 گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، تارباغاتاينىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىراۋ ئۈششۈكى كۆرۈلىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى ۋە كەڭ ئاممىنى بورانلىق، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ قاتناش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەسكەرتتى.

      بۇنىڭدىن بۇرۇن، 1 - مايدىن 6 - مايغىچە، شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى چەرچەن ۋە چاقىلىق ناھىيەلىرىنىڭ بىر قىسىم يېزا - بازارلىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، ئاز كۆرۈلىدىغان قاتتىق قار ۋە قېلىن قارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بولۇپمۇ سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە 1 - مايدىن 4 - ماي سەھەرگىچە چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئوييايلاق يېزىسىنىڭ تاغلىق رايونىدا قاتتىق قار ياغقان، 5  -مايدىكى ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئاز كۆرۈلىدىغان جۇدۇندا 420 نەپەر چارۋىچى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 800 تۇياقتىن ئارتۇق قوي توڭلاپ ئۆلگەن، 57 ئېغىز ئۆي ۋە 124 قوتان ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 45 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يول بۇزۇلغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 3 مىليون 690 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ئادەملەر يارىلىنىش، قازا قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.

      4 - مايدىن 5 - مايغىچە، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى يېتىمبۇلاق بازىرىغا تۇيۇقسىز سوغۇق ئېقىم كىرىپ، 1.5~2 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا قار ياغقان، كانلاردا قارنىڭ قېلىنلىقى 20 ~ 30 سانتىمېتىرغا، بەزى يول بۆلەكلىرىدە يىغىلىپ قالغان قارنىڭ قېلىنلىقى بولسا 60 سانتىمېتىرغا يەتكەن.

      نۆۋەتتىكى بورانلىق، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايىغا قارىتا، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى چېن چۈنيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېتېئورولوگىيە ماتېرىياللىرى بويىچە تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، 9 - ماي كۈندۈزدىن 10 - ماي كېچىگىچە بايىنغۇلىن، تارباغاتاي، ئالتاي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى ۋە قومۇل قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تۇرپان - پىچان - توقسۇن ئويمانلىقى، قومۇل قاتارلىق جايلاردا 5 ~ 6 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدىكى شامال كۈچى 9 ~ 10 بالغا يېتىدۇ، ئوتتۇز چاقىرىملىق، يۈز چاقىرىملىق شامال رايونىدا بوراننىڭ پەيتلىك كۈچى 11 ~ 12 بالغا يېتىدۇ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان رايونلارنىڭتېمپىراتۇرىسى 5 ~ 8 گىرادۇس تۆۋەنلەيدۇ، تارباغاتاينىڭ شىمالى، ئالتاي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىراۋ ئۈششۈكى بولىدۇ. 10 - ماي چۈشتىن كېيىندىن 11 - مايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى قىسىملىرى ھەم ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، بۇ يەردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن رايونلاردا چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېمپىراتۇرىسىمۇ ئازراق تۆۋەنلەيدۇ.

      بۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈن(8 - ماي) كېچىدىن ئەتە كېچىگىچە، قەشقەر، ئاقسۇ، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا ئازراق ياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر، تاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىدە 4 ~5  بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

      شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالدىن مەلۇماتتا كەلگۈسى ئىككى كۈندە ئاممىنىڭ بوراندىن، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ۋە يول يۈرگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر