باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

چىرا ناھىيەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ــ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

      7 - ماي چىرا ناھىيەسىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ــ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىگە ناھىيە بويىچە 15 كوماندا، 180 نەپەر تەنھەرىكەتچى قاتناشتى، 37 مەيدان كەسكىن مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقىنى ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى كۆردى.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا ۋىلايەتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش.

ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر